سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تاماملاندى
بۇ بايانات موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ 1000 دىن ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەن تىنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ترامپ: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تاماملاندى
/ AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەستىن مۇنداق دېدى:

«بۇ سۆھبەت ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنى تەبرىكلەيمەن. بۇ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قالامدۇ قانداق؟»

كىرېمىل سارىيىمۇ بۇ ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۇكرائىنادا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى بولسا پۇتىن تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Putin: Istanbul talks show Ukraine dialogue on right track

 رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرى

 رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋادا «جەنۇبىي رۇسىيە مەسىلىسى» تېمىلىق بىر يىغىندا سۆز قىلغان لاۋروۋ، تىنچلىق كېلىشىمىگە قارىتا خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋاتىكان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ جاي» تەرىقىسىدە تەكلىپ سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ھەققىدە توختالغان لاۋروۋ، ھازىرقى شارائىتتا ئىككى ئورتودوكس دۆلىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ۋاتىكانغا ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەندىشىلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ۋاتىكاننى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئورتودوكس دۆلەتلىرىنىڭ كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەركىزىدە ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. بۇ، ۋاتىكان ئۈچۈنمۇ تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ يەنە، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادا رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زېلېنسكىي رەھبەرلىكىدىكى «ھەربىي ھاكىمىيەت» دەپ ئاتالغان ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

لاۋروۋ بۇنىڭغا يول قويۇشنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن بىر «جىنايەت» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىيېۋ بولسا بۇنداق ئايرىمچىلىقنى رەت قىلماقتا.

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS) نىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ رايونىدىكى رادكىۋكا ئولتۇراق رايونىنى ئىشغال قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Ukraine joins EU in defence effort through new $170B SAFE programme

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى