بىلىنكېن: غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيىتىگە قارشىمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقلىرىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
00:00
بىلىنكېن: غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيىتىگە قارشىمىز
US Secretary of State Antony Blinken meets with Israeli Prime Minister Benjamin Netanyahu in October / TRT Uyghur

بلىنكېن ئامېرىكانىڭ «‹MSNBC› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، غەززە كۈنتەرتىپىگە دائىر ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە قاتارلىق رايوندىكى بارلىق ئاكتىيورلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمدى نۆۋەتنىڭ ھاماسقا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان بىلىنكېن، ھاماسنىڭ قارار چىقىرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بلىنكېن ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ساھەدىن چېكىنىشىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنىڭ ھاماسقا مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھاماسنىڭ ئۈستىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا بېسىم بار دەپ ئويلايمەن. ھاماس بىر قارارغا كېلىپ، بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب بېرەلەمدۇ؟ ھاماسقا ئىجابىي جاۋاب بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تېگىشلىك بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»

تۈركىيەدە بۇ مەسىلە ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىلىنكېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

 «تۇتقۇنلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشنى خالايمىز. غەززەدىكى خەلقنىڭ ئاخىرى خاتىرجەملىككە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايمىز.»

بىلىنكېن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇزۇن مۇددەت ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، دەرۋەقە بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يەنە بىر تاللاش ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز، چۈنكى بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ھېچ ئۇيغۇن ئەمەس.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى