ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مەخسۇس خەۋەر: ت ر ت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقىنى ھۆججەتلەشتۈردى
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنىڭ غەززەدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ۋەيرانچىلىقلىرىنى ھۆججەتلەشتۈردى.
مەخسۇس خەۋەر: ت ر ت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقىنى ھۆججەتلەشتۈردى
/ TRT World

تېل ئاۋىۋنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە يولغا قويۇۋاتقان ئاچارچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن غەززەدە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئاچلىقتىن قازا قىلدى.

ت ر ت ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملىرى جەريانىدا غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەيرانچىلىقنىڭ  ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھاۋادىن تارتىلغان مەخسۇس كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشتى.

مۇخبىر مۇجاھىت ئايدەمىر ۋە ئوپېراتور ئوسمان ئەكەن ئىيوردانىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم تاشلاش ھەرىكىتى جەريانىدا غەززەنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن قىلغان ھۇجۇملىرى ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ۋە مەھەللىلەرنىڭ پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 61 مىڭ 776 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 154 مىڭ 906 كىشى يارىلانغان. ۋەيران بولۇپ كەتكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئۇدا بىرنەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قورشاۋ يېمەكلىك، سۇ، دورا ۋە باشقا ئاساسلىق ئېھتىياجلارنىڭ كىرىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ، ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى قەھەتچىلىككە ئوخشىغان شارائىت ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا. ھازىرغىچە ئاچلىقتىن كەم دېگەندە 239 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ كەم دېگەندە 106 نەپىرىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئاچلىقتىن يەنە تۆت بالا ۋە بىر چوڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 88% ى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel destroyed 88% of Gaza since war began: Palestinian authorities

بۇ رايوندىكى 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى — تەخمىنەن 2 مىليون كىشى — ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە نۇرغۇن كىشى بىرنەچچە قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر ئادەم كۆپ بولغان مەكتەپلەردە ياكى ۋاقىتلىق چېدىرلاردا پاناھلىنىشقا تىرىشماقتا. بۇ جايلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ناچار، پاكىز سۇغا ئېرىشىش چەكلىك بولغاچقا، بۇ جايلاردا كېسەللىكلەر تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرى ۋە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان بۇ خىلدىكى جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 1881 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 13 مىڭ 900 كىشى يارىلانغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئاچ قويۇش ۋەكىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنى ئۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ