خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى ئەلى جىھانشاھى ئۇرۇشنىڭ قايتا باشلىنىش ئېھتىماللىقىغا قارشى چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 50 دىن ئارتۇق قۇرۇقلۇق ئۇرۇش ۋە ياردەمچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە ئاساسلانغاندا جىھانشاھى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىك ھەققىدە سۆز قىلغان.

2025-يىلى ئىيۇندىكى ئۇرۇشتىن چىقارغان تەجرىبىلىرى بىلەن «ئىنتايىن ياخشى تەدبىرلەر» نى ئالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن جىھانشاھى، مەشغۇلات (ئوپېراتسىيە) پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئەتراپلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ۋە قانال، تونېل ھەم مۇداپىئە ئاكوپلىرىنى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ 2026-يىلى فېۋرالدا باشلىغان ھۇجۇملىرىدىن بۇرۇن قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ مەشغۇلات جەھەتتىن تەييار ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن جىھانشاھى، ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ھەرىكەتچان، ئارىلاش ۋە مېخانىك توسالغۇلارنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە توپچى قىسىم، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ئاپپاراتلىرى  قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ۋە ياردەمچى قىسمىنىڭ دۆلەت چېگرالىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر قىسىملارنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىي غەرب، غەرب، جەنۇبىي غەرب، شەرق ۋە جەنۇبىي شەرق تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن جىھانشاھى، بۇ مەزگىلدە ئېغىر ھەربىي ئاپپاراتلار ئىشلىتىلىپ كۆپ مىقداردا ئوق-دورا ۋە ئەسۋابلارنىڭ يۆتكەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جىھانشاھى: «بۇ تەدبىرلەر توسۇش كۈچى (جەڭگىۋارلىق) پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە دۈشمەننىڭ دۆلەت چېگرالىرىغا كىرىشكە پېتىنالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى ھەمدە قىسىملارنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق ئەھۋالغا قارشى ھازىرمۇ چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى