خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ نۇپۇزلۇق سىڭلىسى كىم يوژوڭ، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «ھېچقانداق تەھدىتكە يول قويمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى / AP

جەنۇبىي كورېيەنىڭ «يونخاپ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ يەتكۈزۈشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ نۇپۇزلۇق سىڭلىسى كىم يوژوڭ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۆز شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورال پىلانىنىڭ «قەتئىي تۈردە مۇزاكىرىگە يېپىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA دا يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، كىم يوژوڭ: «يادرو كۈچ سالاھىيىتىمىز قەتئىي تۈردە مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «ھېچقانداق تەھدىتكە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.

بېيجىڭ ۋە پيوڭياڭ ھۆكۈمەتلىرى، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا شى جىنپىڭنىڭ 8 – ۋە 9-ئىيۇندا شىمالىي كورىيەدە رەسمىي بىر زىيارەتتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئاقسارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، خىتاي رەئىسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، شىمالىي كورېيەنى يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ئورتاق نىشاننى قايتىدىن جەزملەشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئائىت مەلۇمات ھەمبەھىرلىمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ يادرو مەسىلىگە دائىر «سىياسىي چارە» ئۈچۈن «ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن» خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى