24 سائەت ئىچىدە ئىراندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنى ئىراندىن ئايرىلىشقا چاقىردى، ترامپ تېھرانغا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى؛ ئىراندا جىددىي ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا.

By
ئىران يېقىنقى ئىككى كۈندە چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتتى ۋە نەچچە كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە تېلېفون قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئا پ. / AP

28-دېكابىر (2025) باشلانغان ۋە ئىراننى ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇش گىردابىغا ئېلىپ كەلگەن شىددەتلىك نامايىشلار، چارشەنبە (2026-يىلى 14-يانۋار) كۈنى كېچىسى ۋە پەيشەنبە (15-يانۋار) كۈنى سەھەردە پۈتكۈل رايوننى جىددىي ۋەزىيەتتە تۇتۇپ تۇردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىران پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىدىن كېيىن پارتلىغان نامايىشلاردا مىڭلىغان نامايىشچى ئۆلتۈرۈلگەن، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھرانغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، ۋاشىنگتوننىڭ ۋەزىيەتكە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى ياكى «ئىنتايىن قاتتىق» تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېھراننىڭ رەسمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ يوللۇق نامايىشلار ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشنى كۆزلىگەن چەت ئەللىك دۈشمەنلەر كۈشكۈرتكەن زوراۋانلىق.

ئىران دائىرىلىرى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە باشقا تاشقى كۈچلەرنى خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ ئاقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ تەھدىتلىرىنى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دەپ ئاتىدى.

ترامپ ئىراننىڭ بەزى نامايىشچىلارنى قەتلى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ: «ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، بىز ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىمىز. ئۇلار مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى، ئەمدى سىلەر ماڭا دارغا ئېسىش ھەققىدە سۆزلەۋاتىسىلەر. بىز بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئىران بەزى چەكلىمىلەرنى بوشاتتى ۋە نەچچە كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم پۇقرالارنىڭ يانفون ئارقىلىق چەت ئەلگە تېلېفون قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

ئۇ كېيىنچە سۆزىنى يۇمشاتقاندەك كۆرۈندى ۋە ئىران نامايىشچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ «توختىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

بىراق، ئىران 15-يانۋار سەھەردە ھاۋا بوشلۇقىنى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا تاقىدى، بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكانىڭ زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە قاتتىق ئەندىشەلەرنى قوزغىدى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ چىقايلى:

ترامپ: «ئىراندا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى توختىدى» دېدى

ترامپ چارشەنبە (14-يانۋار) كۈنى ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى «قەتلى قىلىش» نىڭ توختىتىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئۇ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «بىزگە ناھايىتى ئېنىق مەلۇمات بېرىلدى، ئەمما بىز بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىزگە ئىراندا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ توختىغانلىقى بىلدۈرۈلدى» دېدى.

 ئۇ يەنە: «ھېچقانداق قەتلى قىلىش پىلانى يوق، مەن ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن شۇنداق خەۋەر ئالدىم، بىز بۇنى تەكشۈرىمىز» دېدى.

ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرى: نامايىشچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ

ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرى پەيشەنبە (15-يانۋار) كۈنى نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان، ئامېرىكا ۋە بەزى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىدى، ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە، قانۇن بويىچە قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەيىبلەشلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ» دېيىلدى.

ئىراننىڭ ھاۋا بوشلۇقى قايتا ئېچىلدى

ئىراننىڭ ھاۋا بوشلۇقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ۋاقىتلىق تاقالغاندىن كېيىن، پەيشەنبە (15-يانۋار) كۈنى قايتا ئېچىلدى. ئايروپىلان ئىز قوغلاش سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ئايروپىلانلارنىڭ تېھرانغا قاراپ ئۇچقانلىقى كۆرۈلدى. «FlightRadar24» تور بېكىتى ئىران ھاۋا بوشلۇقىنى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇشنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ۋە كۆپلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئىران ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىران مەسىلىسى بويىچە توپلىنىدۇ

سومانى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئىراندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىش» ئۈچۈن توپلىنىدىكەن.  بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنى ئامېرىكا تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكانىڭ قاتاردىكى ئەلچىخانىسى پۇقرالارنى ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكانىڭ دوھادىكى ئەلچىخانىسى چارشەنبە (14-يانۋار) كۈنى بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، قاتاردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە خادىملىرىنى «تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ۋە ئەل ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىدىغان زۆرۈر بولمىغان سەپەرلەرگە چەك قويۇشقا» چاقىردى. ئەلچىخانا ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئىسرائىلىيە ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەمىشە ئامېرىكانى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

 ئۇ ئېكس (X) ئادرېسىدا: «ئىسرائىلىيە ھەمىشە ئامېرىكانى ئۆزى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا سۆرەپ كىرىشكە تىرىشىپ كەلدى. ئەمما قىزىقارلىق يېرى، بۇ قېتىم ئۇلار يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلاپ سالدى» دەپ يازدى.

ئىسرائىلىيەنى نامايىشچىلارنى قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەش

ئاراقچى ئىران كوچىلىرىنىڭ «قانغا بويالغانلىقى» نى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيەنى نامايىشچىلارنى قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە مۇشۇ ئىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەگەر ترامپ ئىراندا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى توختاتماقچى بولسا، نامايىشچىلارنى قوراللاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئىسرائىلىيەدە مۇداپىئەلىنىش ئورۇنلىرى قايتىدىن ئېچىلدى

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايوندا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبى ۋە مەركىزىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر چارشەنبە كۈنى مۇداپىئەلىنىش ئورۇنلىرىنى ئېچىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى

ترامپنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي تەھدىتلىرىنى ئازايتىشىدىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى. ترامپنىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ توختىغانلىقى خەۋىرىنىڭ ئۆزىگە  يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنى «كۆزىتىدىغانلىقى» نى ئېيتىشى بىلەن نېفىت باھاسى %3 تۆۋەنلىدى.

ئىران قەتلى قىلىش ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى


ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى چارشەنبە كۈنى دائىرىلەرنىڭ نامايىشچىلارنى قەتلى قىلىش پىلانى بارلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ئۇ «فوكس نىيۇس» (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۈگۈن ياكى ئەتە ھېچقانداق دارغا ئېسىش يوق... مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، قەتئىي دارغا ئېسىش پىلانى يوق» دېدى.

ئاراقچى يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ، «ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، بىز ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىمىز. ئۇلار مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى، ئەمدى سىلەر ماڭا دارغا ئېسىش ھەققىدە سۆزلەۋاتىسىلەر. بىز بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەن باياناتىغا جاۋاب سۈپىتىدە دېگەن بولدى.

ئىران ترامپنى ئىيۇندىكى «خاتالىقى» نى تەكرارلىماسلىققا چاقىردى

ئاراقچى يەنە ترامپنى ئىلگىرىكى ھەربىي توقۇنۇشلاردىكى «خاتالىقى» نى تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ۋە تېھراننىڭ دىپلوماتىيەگە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىيۇن (2025) ئېيىدىكى 12 كۈنلۈك ئىران-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىراننىڭ ئۈچ يادرو ئەسلىھەسىگە قىلغان ھۇجۇمىنى تىلغا ئېلىپ: «مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇكى، ئىيۇندا سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى تەكرارلىماڭلار. بىلگىنىڭلاردەك، مەغلۇب بولغان تەجرىبە قايتا سىنالغاندا، نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ» دېدى.