تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ئىشغالىيەت قەدەملىرىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل قارارلارنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»گە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ئىشغالىيەت قەدەملىرىنى ئەيىبلىدى
پەلەستىنلىكلەر 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر پەلەستىنلىك ئۆيىنى چېقىۋېتىشىگە ئىنكاس قايتۇردى. [ئارخىپ] / AA
2026-يىلى2-ئاينىڭ13-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان باياناتچى زەكى ئاقتۈرك، غەززە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلانغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختاتماسلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ مەمۇرىي ۋە قانۇنىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى تەستىقلىشى خەلقئارادا زور نارازىلىق قوزغىغانىدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنىڭغا پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئەمەلىيەتتە بېسىۋېلىش (قوشۇۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش)قا قارىتىلغان قەدەم دەپ باھالىدى.

ئاقتۈرك ئەنقەرەنىڭ بۇ قارارلارنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى ئاقتۈرك يەنە: «تۈركىيە 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئاساس قىلىنغان، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەر بىر پۇرسەتتە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئارىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە 30-يانۋاردىكى كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەنقەرە ئامېرىكا - ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلار ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ