سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى دوھادا سۆھبەتلىشىدۇ
پاكىستان مىنىستىرلىرى ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىنغان چېگرادىكى قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، تالىبان بىلەن دوھادا كۆرۈشىدۇ.
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى دوھادا سۆھبەتلىشىدۇ
پاكىستان-تالىبان سۆھبىتى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۈرەت: ئا پ. / AP

پاكىستان ئەمەلدارلىرى شەنبە (18-ئۆكتەبىر) كۈنى قاتاردا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مىنستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ سۆھبەت ئىسلامئاباد قوشنا دۆلەتكە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، كەم دېگەندە 10 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئاسىيىم مالىك بۈگۈن دوھاغا بېرىپ، ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ» دەپ خەۋەر قىلدى.

ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىمۇ سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللا مۇجاھىد ئېكس (X) بېتىدە: «ئىسلام ئەمىرلىكىدىن مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ياقۇب باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن دوھاغا قاراپ يولغا چىقتى» دېدى.

بىر ھەپتە داۋاملاشقان قانلىق توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون ئەسكەر ۋە پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. كېيىنچە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بىراق جۈمە كۈنى كەچتە، ئافغانىستان پاكىستاننى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ ئېغىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تالىبان ئەمەلدارى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئا ف پ (AFP)  غا: «پاكىستان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، پاكتىكا ئۆلكىسىدىكى ئۈچ ئورۇننى بومباردىمان قىلدى. ئافغانىستان بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US continues to monitor tensions between Pakistan and Afghan Taliban amid temporary truce

 

ھاۋا بومباردىمانى

ئافغانىستاندىكى دوختۇرخانىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئا ف پ نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۇجۇمدا 10 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئىككى بالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستان تەنھەرىكەتچىلەر ھەيئىتى ئا ف پ  غا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رايونغا بارغان ئۈچ تەنھەرىكەتچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىلگىرىكى سەككىز ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى دېگەن خەۋەرنىڭ تۈزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە كېلەر ئاي پىلانلانغان پاكىستانمۇ قاتنىشىدىغان ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان T20I مۇسابىقىلىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئا ف پ غا، پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «تاھرىقى پاكىستان تالىبان» تېررورلۇق تەشكىلاتى تەركىبىدىكى يەرلىك كۈچ بولغان  ھافىز گۈل باھادىر گۇرۇھىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلامئابادنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گۇرۇھ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ھەربىي لاگېرغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە قوراللىق ھۇجۇمغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا يەتتە پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan shuts Afghan border, vows “strong response” after deadly cross-border clashes

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار