پاكىستان مىنىستىرلىرى ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىنغان چېگرادىكى قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، تالىبان بىلەن دوھادا كۆرۈشىدۇ.
پاكىستان ئەمەلدارلىرى شەنبە (18-ئۆكتەبىر) كۈنى قاتاردا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مىنستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ سۆھبەت ئىسلامئاباد قوشنا دۆلەتكە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، كەم دېگەندە 10 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئاسىيىم مالىك بۈگۈن دوھاغا بېرىپ، ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ» دەپ خەۋەر قىلدى.
ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىمۇ سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللا مۇجاھىد ئېكس (X) بېتىدە: «ئىسلام ئەمىرلىكىدىن مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ياقۇب باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن دوھاغا قاراپ يولغا چىقتى» دېدى.
بىر ھەپتە داۋاملاشقان قانلىق توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون ئەسكەر ۋە پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. كېيىنچە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان ئىدى.
بىراق جۈمە كۈنى كەچتە، ئافغانىستان پاكىستاننى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ ئېغىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تالىبان ئەمەلدارى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئا ف پ (AFP) غا: «پاكىستان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، پاكتىكا ئۆلكىسىدىكى ئۈچ ئورۇننى بومباردىمان قىلدى. ئافغانىستان بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.
ھاۋا بومباردىمانى
ئافغانىستاندىكى دوختۇرخانىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئا ف پ نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۇجۇمدا 10 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئىككى بالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئافغانىستان تەنھەرىكەتچىلەر ھەيئىتى ئا ف پ غا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رايونغا بارغان ئۈچ تەنھەرىكەتچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىلگىرىكى سەككىز ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى دېگەن خەۋەرنىڭ تۈزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە كېلەر ئاي پىلانلانغان پاكىستانمۇ قاتنىشىدىغان ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان T20I مۇسابىقىلىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاكىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئا ف پ غا، پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «تاھرىقى پاكىستان تالىبان» تېررورلۇق تەشكىلاتى تەركىبىدىكى يەرلىك كۈچ بولغان ھافىز گۈل باھادىر گۇرۇھىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسلامئابادنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گۇرۇھ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ھەربىي لاگېرغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە قوراللىق ھۇجۇمغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا يەتتە پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.