سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيا ئامېرىكانىڭ تېھرانغا قاراتقان «سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى» تەنقىد قىلدى.
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى / َAA

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيا موسكۋانىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. نېبېنزيا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تېھرانغا قارىتا «سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان نېبېنزيا، رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى، تېھراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نېبېنزيا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىران ئىقتىسادىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە تېھران بىلەن مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى يېڭى پىلانىغا قارىتا، موسكۋانىڭ بۇنداق بېسىملارغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئىقتىسادىنى يېتىم قالدۇرۇشقا قارىتىلغان شۇنچە كۆپ ئېمبارگو ۋە تەھدىتلەرنى كۆردۇقكى، ئەمدى بۇلارغا ئارتۇق ئەھمىيەت بەرمەيمىز. رۇسىيە ئىقتىسادىدىن ئەنسىرىمەڭ، بىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز».

رۇسىيە ۋەكىلى يەنە ترامپنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى ئامېرىكا زېمىنى دەپ ئېلان قىلىش تەكلىپىگە قارىتا، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانداق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى