خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: غەززەدە ھەر كۈنى 28 بالا ئۆلتۈرۈلمەكتە
ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ توسالغۇسىز داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بومباردىمان، قەستەن ئاچ قويۇش ۋە ياردەمنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن بالىلار ئۆلۈمىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگلاندۇردى...
ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى: غەززەدە ھەر كۈنى 28 بالا ئۆلتۈرۈلمەكتە
/ AA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار پاراۋانلىق فوندى (يۇنىسېف)، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قامال قىلىشى سەۋەبىدىن، غەززەدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى دۈشەنبە كۈنى X تور سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «بومباردىمان سەۋەبىدىن ئۆلۈم. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆلۈم. ياردەم ۋە ئەجەللىك مۇلازىمەتلەرنىڭ كەمچىللىكىدىن كەلگەن ئۆلۈم» دەپ يازدى.

ئۇچۇردا يەنە: «غەززەدە ھەر كۈنى بىر پۈتۈن سىنىپ، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28 بالا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى توقۇنۇشلارنى توختىتىپ، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، غەززەدىكى بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، پاكىز سۇ، دورا-دەرمەك ۋە بىخەتەرلىككە ئىنتايىن مۇھىم دەرىجىدە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇچۇردا يەنە: «ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇلار دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا موھتاج!» دەپ ئالاھىدە قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر يېرىمىغا يېقىنى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ تەخمىنەن 61 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن، ئونمىڭلارچە كىشى يارىلانغان.

بۇ ئۇرۇش غەززەنىڭ سەھىيە ۋە تازىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى خاراب قىلدى، بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ دېگۈدەك تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە رايوننى ئاچارچىلىق گىرۋىكىگە ئىتتىردى. ياردەم تەشكىلاتلىرى يېمەكلىك، دورا ۋە يېقىلغۇ توشۇش ئىشلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا پەرۋا قىلماستىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندى ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى، ئەگەر بۇ زوراۋانلىق دەرھال توختىتىلمىسا، غەززەدىكى ھازىرمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان بالىلار ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى