خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مىسىر ۋە سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۇداندا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرنىڭ «سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكى» دىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى.
مىسىر ۋە سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۇداندا تىنچلىق  تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى
مىسىر ۋە سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۇداندا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى / Reuters

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئەتى چارشەنبە كۈنى سۇدانلىق مەنسەپدىشى ئۆمەر سىددىق بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، سۇداندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ «مىسىرنىڭ سۇداندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سۇدان خەلقىنىڭ بايلىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى، جۈملىدىن مىسىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇدانغا يۆنەلگەن خەلقئارالىق ئەتەش رامكىسىدىكى سۆھبەتلەرنى» مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئابدۇلئەتى مىسىرنىڭ «سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى» نى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ، «سۇداننىڭ بىرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق قەدەم» گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىددىق بولسا، «مىسىرنىڭ سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىزچىل قوللىغانلىقى» غا رەھمەت ئېيتىپ، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش» ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

شەنبە كۈنى، ھەربىيلەشتۈرۈلگەن تېز ياردەم قىسىملىرى (RSF) رەھبەرلىكىدىكى «سۇدان قۇرغۇچىلار ئىتتىپاقى تېز ياردەم قىسىملىرى» نىڭ قوماندانى مۇھەممەد ھەمدان داگالو باشچىلىقىدىكى پاراللېل ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«تېز ياردەم قىسىملىرى» ۋە بىر قانچە ئىتتىپاقداش گۇرۇپپا 22 - فېۋرال كېنىيەدە سۇداندا پاراللېل ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر نىزامنامە ئىمزالىغان ئىدى.

2023 - يىلى 4 - ئايدىن بۇيان ئارمىيە بىلەن «تېز ياردەم قىسىملىرى» ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.

بۇ ئۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 14 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. لېكىن، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، قازا قىلغانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 130 مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى