خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان دوھا سۆھبىتىدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن بېسىلىدىغان باشقا قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 25-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا قايتا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان دوھا سۆھبىتىدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان دوھا سۆھبىتىدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى / Others
2025-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ۋە مۇقىملىقنى قايتا تىكلەش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

سۆھبەتكە پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. تەرەپلەر پەقەت توقۇنۇشنى توختىتىش بىلەنلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئورتاق مېخانىزملارنى قۇرۇشنى ۋەدە قىلدى.

پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف ۋە ئىستىخبارات باشلىقى گېنېرال ئاسىم مالىك بار بولۇپ، ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاقىتلىق دۆلەت مۇداپىئە باشلىقى مۇھەممەد ياقۇپ رەھبەرلىك قىلدى.

قاتار ئەمەلدارلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن ھەم ۋاسىتىچى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

دوھادىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، تەرەپلەر كەلگۈسى كۈنلەردە ئىز قوغلاش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ يىغىنلار ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ھالدا يولغا قويۇلۇشىنى دەلىللەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدۇ.

كېيىنكى يىغىن ئىستانبۇلدا

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاسىف ئافغانىستان زېمىنىدىن كېلىپ چىققان چېگرا ھالقىغان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تەرەققىياتتىن خۇشاللىقىنى ۋە ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىگەن ئاسىف: «داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 25-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» دېدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىر باياناتچى قاتارنىڭ بۇ ئىلگىرىلەشنى «ئىككى قېرىنداش دۆلەت» ئوتتۇرىسىدا سىجىل تىنچلىق ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېگرا توقۇنۇشلىرى

48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ھەر ئىككى تەرەپتىن ئونلىغان ئەسكەر ۋە پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بىر ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان قانلىق چېگرا توقۇنۇشلىرىنى توختاتتى.

دىپلوماتىك جەھەتتىن، پاكىستان 1997-يىلى تالىباننىڭ ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى (سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرگە). پاكىستان خەلقئارالىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە ب د ت نىڭ ئېمبارگوسىغا قارىماي ئەلچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، پاكىستان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، سودا، چېگرا باشقۇرۇش ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ دۇنيا بىلەن بىرلىشىشىنى قوللىغان ئىدى.

بىراق، بولۇپمۇ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) غا ئوخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، ئافغان تالىبانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئېغىر دەرىجىدە قىيىنلاشتۇردى.

ئافغان تالىبانى 2021-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەر چېكىنگەندىن كېيىن كابۇلدا قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى.

پاكىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ يىل ھازىرغىچە كۆپىنچىسى TTP تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 311 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغان تالىبانى بولسا، پاكىستاننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلماقتا. يېقىنقى باياناتلىرىدا، پاكىستاندىكى ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالسا، كابۇل يېڭى دېھلى بىلەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستاننى غەزەپلەندۈردى.

2007-يىلى قۇرۇلغان پاكسىتان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) ۋە ئاساسلىقى پاكىستاننى نىشان قىلغان بىر قانچە تېرورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئىتتىپاقى بولۇپ، 2024-يىللىق بىر ب د ت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا ناتو تەرىپىدىن تاشلاپ كېتىلگەن قوراللارنى ئىشلىتىدىغان 6000 دىن 6500 گىچە TTP تېرورچىسى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan conducts 'precision strikes’ in Afghanistan, targeting Gul Bahadur Group

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى