سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كېڭەيمەكتە
نېفىت ئېقىشىنى نازارەت قىلىدىغان «Orbital EOS» شىركىتىنىڭ مۆلچەرىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ جەنۇبقا يۆتكىلىۋاتقان لەيلىمە نېفىت قالدۇقلىرى 52 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دائىرىنى قاپلىغان.
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كېڭەيمەكتە
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىپ، نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى قاپلىغان. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم بازىسى بولغان خارگ ئارىلى قىرغىقىدا نېفىت ئېقىشى كېڭەيمەكتە ئىكەن.

جۈمە (2026-يىلى 8-ماي) كۈنى خەۋەر قىلىنغان بۇ نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. نېفىت ئېقىپ كېتىش ئارالنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كۆرۈلگەن.

«Orbital EOS» نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پەيشەنبە كۈنىگىچە نېفىت قاپلىغان دائىرە 52 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ نېفىت ئېقىمى جەنۇبقا، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ كېڭەيمەكتە ئىكەن.

خارگ ئارىلى ئىران نېفىت ئېكسپورتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئارال پارس قولتۇقىغا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تار ھورمۇز بوغۇزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. خارگ ئارىلىدا ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، نېفىت تۇرۇبا يوللىرى، ساقلاش باكلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇل- ئەسلىھەلەر بار.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran wasn't developing nukes before US-Israel war, says former US counterterrorism official

سۆھبەت ۋە سۈلھى

ئىران 28-فېۋرال (2026) ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش باشلانغاندا، ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغان ئىدى. تېھران ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىران پورتلىرىنى قامال قىلدى، بۇ نۇرغۇن نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ رايوندا قاپسېلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 8-ئاپرېل (2026) باشلانغان سۈلھى جەريانىدىكى ئىسلامئاباد سۆھبىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشمىدى. كېيىنچە ترامپ سۈلھىنى مۆھلەتسىز ئۇزارتتى. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئىران پورتلىرىغا قامال قىلىشنى باشلىدى ۋە بۇنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا كۈنىگە تەخمىنەن 450 مىليون دوللار زىيان سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) جۈمە كۈنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كېلەر ھەپتە پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ مۇرەسسەچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر ئايلىق سۆھبەتنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدىغان بىر بەتلىك 14 ماددىلىق «چۈشىنىش ھاسىل قىلىش كېلىشىمى» تەييارلىماقتا.

گەرچە مۇھىم مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھەدە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، ھورمۇز بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ