نىگېرىيەنىڭ تارابا ئۆلكىسىگە قاراشلىق يېزا رايونىدىكى بىننارى كەنتىگە موتسىكلىتلار بىلەن بېسىپ كىرگەن قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇم، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولغان يېزا رايونلىرىدا يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالدى.
جۈمە نامىزىدىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىگە ئوق چىقارغان ھۇجۇمچىلار ۋەھىمە پەيدا قىلدى، خەلق بولسا ئەتراپتىكى چاتقاللىقلارغا قېچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى.
كەنت ئاھالىلىرىدىن ئىسىياكۇ مۇسا: «كىشىلەر ھۇجۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەرگە قېچىۋاتاتتى. ھېچكىم قەيەرگە بارسا بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى» دېدى.
مۇسا ۋە يەنە بىر كەنت ئاھالىسى سائىدۇ نۇھۇ ھۇجۇمچىلار رايوندىن چېكىنگەندىن كېيىن كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىسىدىن تېخىچە خەۋەر ئالغىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچى ئەمەلدارلىرى جۈمە ئاخشىمىغىچە 10 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەرلىك جامائەت رەھبەرلىرىدىن مالام ئەبۇبەكىر سەيفۇللاھى ھۇجۇمچىلارنىڭ تەخمىنەن 50 موتسىكلىت بىلەن كەنتكە كەلگەنلىكىنى ۋە ھەر بىر موتسىكلىتتا ئىككى قوراللىق كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا يېقىن بىر رايونغا جايلاشقان تارابا ئۆلكىسى، يېقىنقى مەزگىلدە جىنايەتچى تەشكىلات خاراكتېرىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەدىكى شۆبىسى دائىرىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى يېزا رايونىدىكى جامائەتلەرنى جازاسىزلىق مۇھىتىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە تاشلاپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇملارنىڭ گۇمانلىق جىنايەتچىلىرىنى سىجىل تۈردە قانۇنىي جاۋابكارلىقىغا تارتالماسلىقى، جازاسىزلىق مۇھىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كۈچەيتمەكتە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.





















