كانادانىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەزگۈر سودا سۆھبىتىنى يەنە بىر قېتىم مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ قېتىم، ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان بىر سىياسىي ئېلان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئونتارىيونىڭ ئوچۇق-يورۇق كونسېرۋاتىپ باش مىنىستىرى دوگ فورد تەرىپىدىن تەييارلانغان ئېلاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىمۋولى ۋە سابىق پىرېزىدېنت رونالد رېگاننىڭ تاموژنا بېجىنىڭ سودا ئۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئاپەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بىر بۆلەك ئىشلىتىلگەن.
شەنبە كۈنى ترامپ بۇئېلانغا جاۋابەن كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى ھازىرقى نىسبەتتىن %10 ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ Truth Social دىكى يازمىسىدا: «ئۇلارنىڭ ئېلانلىرى دەرھال ئېلىۋېتىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما تۈنۈگۈن كەچتە ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرى جەريانىدا قويۇشىغا يول قويدى، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئېلاننى «ھەقىقەتنىڭ خاتا ئىپادىلىنىشى» دەپ ئاتىدى.
پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون، ئونتارىيونىڭ ئېلاننى قويۇش قارارى سەۋەبىدىن كانادا بىلەن سودا سۆھبىتىنى توختاتقان ئىدى.
باش مىنىستىر مارك كارنىي فوردقا ئوخشىمايدىغىنى، مارت ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ترامپ بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ كانادا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قويغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىدىغان بىر كېلىشىمنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
فورد بولسا مارت ئېيىدا، دائىم تاقايدىغان «كانادا سېتىلمايدۇ» دەپ يېزىلغان قالپىقى بىلەن، ئامېرىكانىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن تاموژنا بېجىنى يولغا قويغان تەقدىردە، بىر قانچە ئامېرىكا ئىشتاتىغا ئېنېرگىيە ئۈچۈن قوشۇمچە ھەق ئېلىش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى. ئەمما كېيىنچە پوزىتسىيەسىدىن يانغان ۋە ئاقساراي بۇنى بىر غەلىبە دەپ ئاتىغان ئىدى.
فورد جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، كارنىي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئونتارىيونىڭ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى ئېلان پائالىيىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋە سودا سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما ئۇ تالاش-تارتىشلىق ئېلاننىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى تورونتو كۆكجەيلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدىغان ۋاقىتتا داۋاملىق قويۇلىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە جۈمە كۈنى كەچتە ئوينالدى.
فورد ئۇچۇرنىڭ «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە» ئامېرىكا تاماشىبىنلىرىغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
بەزى ئانالىزچىلار فوردنىڭ ئېلانىنىڭ ترامپنىڭ نارازىلىقى ئۈچۈن پەقەت بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كانادادىكى ساينت فىرانسىس زاۋىيېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا-كانادا سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ئاسا مەككېرچېر: «ترامپ ئەپەندى ھەقىقەتنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇشىنى ياقتۇرمايدۇ» دېدى. مەككېرچېر ئېلاننىڭ رېگاننىڭ كۆز قاراشلىرىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ ئېلاننى ھەپتە بېشىدا كۆرگەن ۋە سەيشەنبە كۈنى: «ئەگەر مەن كانادا بولغان بولسام، مەن ھەم ئوخشاش ئېلاننى ئىشلىتەتتىم» دېگەن ئىدى.
مەككېرچېر فوردنىڭ تاجاۋۇزچان ۋە پوپۇلىزمچىل ئۇسلۇبىنى فوكىس خەۋەرلىرى (Fox News) قاتارلىق كونسېرۋاتىپ يۆنىلىشتىكى سۇپىلاردا ئامېرىكالىق تاماشىبىنلارغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما يېقىنقى ئېلانىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ سودا سۆھبىتىنى توختاتقاندىن كېيىن كانادا دوللىرى ئاجىزلاشتى ۋە ئونتارىيو ماشىنا ۋە پولات-تۆمۈر تاموژنا بېجىدىن ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان ئۆلكە بولدى.
مەككېرچېر: «فوردنىڭ تاجاۋۇزچان ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ھەر ۋاقىت زەربىگە ئۇچراش خەۋپى بار» دېدى ۋە ترامپنى سودا سۆھبىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كارنىينىڭ يول قويۇشى كېرەك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قوشۇپ قويدى.
شۇنداقتىمۇ، فوردنىڭ ئۇسۇلى سىياسىي يۆنىلىشنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئۆلكىدىكى سول يۆنىلىشتىكى يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولغان مانىتوبا باش مىنىستىرى ۋاب كىنېۋ، «ياخشى دوستۇم» دېگەن دوگ فورد ئۈچۈن بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئېلانلارنى داۋاملىق قويۇشقا چاقىردى.
يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېلىزابېت مېي جۈمە كۈنى ئوتتاۋادىكى پارلامېنتقا كېلىۋېتىپ: «ئالغا دوگ فورد!» دەپ قوللىدى.
ئانگۇس رېيد ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، راي سىناش مۇتەخەسسىسى شاچى كۇرل، باش مىنىستىرنىڭ ترامپقا قارشى تېخىمۇ مۇرەسسەچان پوزىتسىيە تۇتقىنىغا قارىماي، فوردنىڭ «تېخىمۇ جېدەلخور رەقىب» سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇ ئادەتتە ئۇنىڭغا (فوردقا) زىيان يەتكۈزىدىغان بىر پوزىتسىيە ئەمەس» دېدى.
فېۋرالدا، فورد ئونتارىيو باش مىنىستىرى سۈپىتىدە كەم ئۇچرايدىغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى. فورد بۇ ئاينىڭ بېشىدا تورونتودىكى بىر كۇلۇبتا قىلغان سۆزىدە، بىرئۆي جابدۇقلىرى دۇكىنىدا ئوغرىلىق قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان بىر كىشىگە قارشى تۇرغانلىقىنى ۋە «بۇنى قويۇڭلار، مەن بۇ ئادەمنى قوغلايمەن» دېگەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بەردى.
ترامپ ئىيۇن ئېيىدا كانادا بىلەن سودا سۆھبىتىنى ئىلگىرىمۇ توختاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كانادانىڭ رەقەملىك مۇلازىمەت بېجىغا قارشى چىققان ئىدى. كارنىي شۇ ئايدا باجنى بىكار قىلغان ئىدى.
سابىق باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو دەۋرىدە، ترامپ كانادا، مېكسىكا ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدىن كۆپ قېتىم چېكىنىش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.
ئونتارىيودىكى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى لاۋرا ستېفېنسون، كارنىينىڭ كۆپ ياخشى تاللىشى يوقلۇقىنى، ئەمما ۋەزىيەتنى تۈزىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «فورد يامان ئادەم رولىنى ئوينىسا بولىدۇ، كارنىي بولسا سۆھبەتنى ئىزىدا تۇتۇشقا تىرىشىدىغان ئەقىللىق كىشى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.
ترۇدونىڭ سابىق ئامېرىكا-كانادا مەسلىھەتچىسى داياموند ئىسىنگېر، فوردنىڭ ئېلانىنىڭ ئامېرىكالىق تاماشىبىنلارغا ئوچۇق-ئاشكارا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «ئەگەر ئېلان ئۈنۈملۈك بولمىغان بولسا، ترامپ بۇنىڭدىن بۇنچە چوڭقۇر بىئارام بولمىغان بولاتتى» دېدى.






