ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشىسۇلتانII ئابدۇلھەمىدنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن «ئوتتۇز كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدىغان 1897-يىلدىكى ئوسمانلى-گىرېتسىيە ئۇرۇشى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
00:00
30 كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى / TRT World and Agencies

1897-يىلى  گىرىت مەسىلىسى سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەت، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە گىرېتسىيەنى ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ باردى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن گىرېتسىيە، ئوسمانلى زېمىنىغا كېڭىيىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ گىرىت ۋە تېسېليا رايونىدىكى ھەرىكەتلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى.

1897-يىلى ئاپرېدا، گىرېتسىيە ئەسكەرلىرى ئوسمانلى چېگراسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە ئەدخەم پاشانىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى سەپەرۋەر قىلدى. ئوسمانلى ئارمىيەسى چاتالجا، يەنىشەھىر، دۆمەكە ۋە يانيا قاتارلىق تەرەپلەردە گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنى تىرىپىرەن قىلدى. گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن چېكىنىشى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن باشلانغان سۆھبەت نەتىجىسىدە، 1897-يىلى 4-دېكابىر تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاندى. شەرتنامىگە ئاساسەن، گىرېتسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئوسمانلى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن تېسېليا رايونى، بىر قىسىم كىچىك چېگرا ئۆزگىرىشى بىلەن گىرېتسىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.

1897-يىلدىكى ئوسمانلى-گىرېتسىيە ئۇرۇشى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى ھەربىي غەلىبىلىرىىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلدى. بىراق، بۇ ئۇرۇش ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قول تىقىشلىرىنىمۇ ئاشكارىلىدى. ئەگە دېڭىزى ۋە ئارال مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر، كۈنىمىزدە تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى