گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇدۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر شۇشادىكى ئۈچ تەرەپلىك يىغىندا رايونلۇق ھەمكارلىق، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ / َAA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق نۇقتىسىدىن تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياشار گۈلەر ئۈچ تەرەپلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزى «مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ سۈپەتلىگەن ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 ئۇ، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ ئورتاق تارىخ، ئورتاق جۇغراپىيە، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئۈچ دوست ۋە قوشنا دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گۈلەر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا ئايلانغانلىقىنى، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ مۇھىم بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىشقا قاراپ تاشلانغان يېقىنقى قەدەملەرنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياشار گۈلەر مۇنداق دېدى:

 «بۇ يېڭى دەۋرنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز. بۇ نۇقتىدا تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە ھەمكارلىقى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ياشار گۈلەر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ئېنېرگىيە، تىرانسپورت ۋە ئالاقە تۈرلىرىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىلا ئەمەس، بەلكى رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىققىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ تۈرلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.

كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق بىر چۈشەنچە بىلەن گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن.»

ياشار گۈلەر شۇشادىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ ۋە گىرۇزىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراكلى چىكوۋانى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ