پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
ئافغانىستان-پاكىستان توقۇنۇشى ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي كۈچ توپلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور ئەندىشەسىنى قوزغىماقتا.
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ تانكىسى پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا تۇرماقتا، 2026-يىلى 27-فېۋرال، ئا ف پ. / AFP
15 سائەت بۇرۇن

جۈمە (2026-يىلى 27-فېۋرال) كۈنى ئەتىگەندە پاكىستاننىڭ كابۇل، قەندەھار ۋە پاكتىياغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى ھەمدە تۆت سائەت داۋاملاشقان چېگرا توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە سەككىز ئافغانىستانلىق ۋە 12 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىي ۋەزىيەت، تۇيۇقسىز بىر كېچىدە يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس.

بۇ جىددىي ۋەزىيەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككى قوشنا دۆلەت چېگراسىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ تېررورچىلارنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشى بىلەن تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

 2021-يىلىدىن كېيىن پاكىستان ئىچىدىكى ھۇجۇملار شىددەت بىلەن كۆپەيدى.

ئىسلامئابادنىڭ قارىشىچە، دوھا كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى قوشۇنلارنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىدىن كېيىن، 2021-يىلى ئاۋغۇستتا ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئېلىشى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.

پاكىستان دەسلەپتە تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگەللىشىنى قارشى ئالدى، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ئىمران خان ئافغانىستانلىقلارنىڭ «قۇللۇق زەنجىرىنى ئۈزگەنلىكى» نى ئوچۇق ئېيتقان ئىدى. بىراق، پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئورنىنى ئېغىر بىخەتەرلىك ئەندىشەسى، يەنى قايتا جانلانغان پاكىستان تالىبانلىرى (تەھرىكى تالىبان) (TTP) ئىگەللىگەن.

-2007يىلى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان تەھرىكى تالىبان، ئۇزۇندىن بۇيان كونتروللۇقى ئاجىز چېگرادىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا 2001-يىلى ئافغانىستانغا كىرگەن مەزگىلىدە، تەھرىكى تالىبان جەڭچىلىرى ئافغانىستان تالىبانلىرىنى قوللىغان. خۇددىي بىر چاغلاردا ئافغانىستان تالىبانلىرى پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونلىرىدا پاناھلانغاندەك، ئۇلارمۇ چېگرا ئاتلاپ بىخەتەر جايلاردا پاناھلانغان،

تالىبان 2021-يىلى كابۇلغا قايتىپ كەلگەندە، پاكىستان ئۇلارنىڭ پاكىستانغا قارشى تېررورچىلار مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بىراق ئىسلامئابادنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ ئەكسىچە تەھرىكى تالىبان ئافغانىستان تېررورىتورىيەسىدە قايتىدىن تەشكىللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كابۇلدا ھاكىمىيەت ئالماشقان 2021-يىلىدىن باشلاپ كۆپەيگەن. شۇ يىلى پاكىستاندا 193 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، قانۇن ئىجراچىلىرىدىن 592 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان (يەنى 1 گە قارشى 3 نىسبەتتە). 2025-يىلىغا كەلگەندە، 2597 تېررورچى يوقىتىلغان بولسا، بىخەتەرلىك خادىمى ۋە پۇقرا بولۇپ 1235 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ بىلەن نىسبەت 2 گە قارشى 1 گە ئۆزگەرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Casualties reported as Pakistan and Afghanistan trade heavy fire along Durand Line

«قوراللىق توقۇنۇش ئورنى ۋە ۋەقە مەلۇماتلىرى تۈرى» (ACLED) گە ئوخشاش مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرمۇ 2022-يىلىدىن بۇيان پاكىستاندىكى تېررورلۇق سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تەھرىكى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا قىلىنغان تۇيۇقسىز ھۇجۇملار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.

تەھرىكى تالىبان  ئۆتكەن ئون يىلدا پاكىستاندا بىر يۈرۈش ئەڭ قانلىق ھۇجۇملارنى قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كاراچى ئايرودۇرۇمىدىكى 28 كىشى ئۆلگەن ھۇجۇم ۋە غەربىي شىمالدىكى بىر ھەربىي مەكتەپتە 141 كىشى (كۆپىنچىسى بالىلار) قىرغىن قىلىنغان ھۇجۇملار بار. بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەھشىيلىكلەر تېررورچىلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئىسلامئابادتىكى «پاكىستان تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» (PIPS) تەرىپىدىن يانۋاردا ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، پاكىستاندا 2025-يىلى تېررورلۇق زوراۋانلىقى شىددەت بىلەن كۈچەيگەن ۋە پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە يۈز بەرگەن 699 قېتىملىق ھۇجۇمدا، 1000 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

پاكىستان ئەمەلدارلىرى يېقىنقى ھۇجۇملارنىڭ، جۈملىدىن 17-فېۋرال (2026) باجاۋۇردا 11 بىخەتەرلىك خادىمى ۋە ئىككى پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدا پىلانلانغانلىقىغا ئائىت «رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلار» نىڭ بارلىقىنى، ھەتتا بۇ ھۇجۇمنى بىر ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كابۇل بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئافغانىستان دائىرىلىرى تەھرىكى تالىباننى قورال بىلەن تەمىنلىگەن.

كابۇل ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر قانداق دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ۋە ئافغانىستاندا تەھرىكى تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىزچىل رەت قىلماقتا. كابۇل ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پاكىستاننى دائېش (Daesh) نىڭ رايوندىكى تارمىقىنى «قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ»  دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئىسلامئاباد بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئۆزئارا ئەيىبلەشلەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت ۋە دىنىي باغلىنىشقا ئىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەڭ يېڭى جىددىي ۋەزىيەت پاكىستاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستاندىكى 70 «تېررورچى» نى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. كابۇل پەيشەنبە (2026-يىلى 26-فېۋرال) كۈنى كېچىدە چېگرا بويىدا قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، كابۇل ۋە باشقا شەھەرلەر تۇيۇقسىز ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى. ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى بۇ ھۇجۇملاردا ئۆلۈم-يىتىم بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زايدى بولسا 133 تالىباننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئونلىغان ھەربىي پونكىت ۋە ھەربىي ماشىنىلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا، ئافغانىستان-پاكىستان توقۇنۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشەسىنى قوزغىماقتا.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىككى تەرەپنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشكە چاقىردى. بۇ كەسكىن ۋەزىيەت دەل ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلىشى مۇمكىن بولغان ھۇجۇمغا تەييارلىق سۈپىتىدە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھەربىي كۈچ توپلىغان پەيتىگە توغرا كەلدى.

ئىلگىرى تۈركىيە، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، ئۆتكەن يىلى (2025) ئۆكتەبىردىكى قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن بىر نازۇك ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنغا بارمىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ بىلەن زېلېنىسكىي ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى
فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتلىرىنى كۈتۈۋالغاندا، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى
خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى يادرو سىنىقىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
مېكسىكا كۇباغا مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى ئەۋەتتى
ياپونىيەلىك مۇخبىر ئىراندا تۇتقۇن قىلىندى
نورۋېگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېپىشتېين تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇندى
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ترامپقا ئالاقىدار ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىنى يوشۇردى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئىلخان ئۆمەر پىرېزىدېنت ترامپقا: «سەن ئامېرىكالىقلارنى ئۆلتۈردۈڭ!» دەپ ۋاقىردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي ۋە ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ بەردى
سومالى ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەششەبابنىڭ 23 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى
بالىكەسىردە F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئۇچقۇچى شېھىت بولدى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە بىر دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلدى
ۋادېپۇل: «گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئوچۇق، ئەمما مەيدانى مۇقىم»
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە