تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنقەرەنىڭ رايونلۇق دىپلوماتىيەدىكى پائال رولىنى گەۋدىلەندۈردى.
ئەردوغان  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ش ئى ت) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش ئەنقەرەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ «NSosyal»  ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رەھبەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇ جەريانغا داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ كەلگۈسىدىمۇ رايونلۇق تەرەققىيات تەشەببۇسلىرىنى ماسلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىش جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چۈشكەن مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋمۇ قاتناشتى.

جەنۇبىي كاۋكازدىكى تىنچلىق مۇزاكىرە قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەنمۇ كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى كەم ئۇچرايدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بۇ يىغىندا، جەنۇبىي كاۋكازدا ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نۇقتىلىق تېما بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈزلەنگەن قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇمھۇر رەئىسنىڭ دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپى، رايونلۇق ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەنقەرەنىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

خىتايدا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن رەسمىي باشلاندى. دەسلەپتە خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىب تاپقان «شاڭخەي بەشلىكى» سۈپىتىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتقا كېيىن ئۆزبېكىستان ئالتىنچى ئەزا سۈپىتىدە قوشۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان  رايوندىن 10 ئەزا دۆلىتى، 2 كۆزەتكۈچى دۆلىتى ۋە 14 دىيالوگ ھەمراھى بار.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيا ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %24 ىنى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %42 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالدىنقى 20 يىلدا 100 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى