سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي تاموژنا باجلىرىنى «ھەددىدىن زىيادە شەخسىيەتچىلىك» دەپ ئاتىدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ترامپنىڭ بېيجىڭغا قارىتا يولغا قويغان تاموژنا باجلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تاموژنا باجلىرى ھەققىدە ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
00:00
خىتاي تاموژنا باجلىرىنى «ھەددىدىن زىيادە شەخسىيەتچىلىك» دەپ ئاتىدى
"Certain countries" resort to "pressure and coercion, and trigger unjustified trade wars... This extreme selfishness only harms their credibility," top diplomat Wang Yi says. / AP

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن بېيجىڭغا قارىتا يولغا قويۇلغان يۇقىرى تاموژنا باجلىرىنى «ھەددىدىن زىيادە شەخسىيەتچىلىك» دەپ ئاتىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى (2025-يىلى 226-ئاپرېل) بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە: «بەزى دۆلەتلەر بېسىم قىلىش ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئادالەتسىز سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ پىتىلىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ۋاڭ فامىلىلىك جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئارىلىقىدا سۆز قىلىپ: «بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.

 

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي تاموژنا باجلىرى سەۋەبىدىن قىزىشىپ كەتكەن سودا ئۇرۇشلىرىدا قارىمۇ قارشى ھالغا كەلدى. ئامېرىكا تەرىپىدىن قويۇلغان باج نىسبىتى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئۈچۈن %145 كە يەتكەن بولسا، بېيجىڭمۇ كېچىكمەي ئامېرىكا ماللىرىغا %125 نىسبىتىدە باج قويۇش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارAdvantage China: Why Trump’s tariff gamble could backfire on the US

شەنبە كۈنى خىتاي ئامېرىكا بىلەن سودا مەسىلىلىرىدە ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەكرارلىدى. ترامپ بولسا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ 22-ئاپرېل «ۋاقىت» (Time) ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 25-ئاپرېل (2025) ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە، شى جىنپىڭ بىلەن قاچان تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە نېمە توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. ئۇ پەقەت شىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى بۇنى «ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن كەلگەن دەپ ئويلىمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى (24-ئاپرېل) بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئىقتىسادىي ياكى سودا سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى رەت قىلدى. خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىمۇ بۇنى رەت قىلدى.

ئەلچىخانا شەنبە كۈنى (26-ئاپرېل)  ئۈندىدار (WeChat)  دىكى يازمىسىدا: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تاموژنا باجلىرى مەسىلىسىدە ھېچقانداق مەسلىھەت ياكى سۆھبەت بولمىدى، كېلىشىم بولسا تېخىمۇ يوق» دېدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا ھەقىقەتەن مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشى، باشقىلارنى قورقىتىشنى ۋە مەجبۇرلاشنى توختىتىپ، خىتايغا قارشى بارلىق بىر تەرەپلىمە تاموژنا باجلىرىنى تولۇق بىكار قىلىشى كېرەك» دېيىلدى.

ترامپ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكانىڭ سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولىدىغان كېلىشىملەرنى ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئۇ ۋاقىت ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايغا ئىشارە قىلىپ: «ئۇلارمۇ مۇۋاپىق دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن بولغان بىر سان بار.  ئۇلارنىڭ بىزدىن دوللار تېپىشىغا يول قويغىلى بولمايدۇ »دېدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى