ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا بانكىسى: ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش چىقىمى 588 مىليارد دوللارغا يەتتى
دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش چىقىمىغا ئائىت مۆلچەرىنى يېڭىلىغان بولۇپ، مەزكۇر رەقەم ئىلگىرىكى دوكلاتتىكى 524 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەدىن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئەھۋالغا ئاساسەن 588 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.
دۇنيا بانكىسى: ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش چىقىمى 588 مىليارد دوللارغا يەتتى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھىرىدە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر روسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تۇرالغۇ بىناسىغا سوقۇلۇپ چىققان ئوتنى ئۆچۈردى. / AP

دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش چىقىمىنىڭ 588 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. يېڭىلانغان چىقىم مۆلچەرى ئىلگىرىكى 524 مىليارد دوللاردىن ئۆرلەپ، ئۇكرائىنانىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە يەتتى؛ بۇ قېتىمقى مۆلچەر ئاساسلىق تۇرالغۇ، ئېنېرگىيە، مائارىپ، قاتناش ۋە باشقا ئۇللۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتى.

دۇنيا بانكىسى ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش چىقىمىغا ئائىت مۆلچەرىنى يېڭىلىغان بولۇپ، مەزكۇر رەقەم ئىلگىرىكى دوكلاتتىكى 524 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەدىن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئەھۋالغا ئاساسەن 588 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تۆت يىل جەريانىدا يېڭىلانغان ئون يىللىق چىقىم مۆلچەرى، 2025-يىلى ئۇكرائىنانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

بانكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تەرەققىيات شېرىكلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 2026-يىللىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور قەدەملەرنى باسماقتا؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى سېلىنما تۈرلىرى، ۋەيران بولغان تۇرالغۇلارنى فوند بىلەن تەمىنلەش، مىنا تازىلاش ۋە كۆپ ساھەلىك ئىقتىسادىي ياردەم پىلانلىرىغا ئوخشاش نۇقتىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياردەم تۈرلىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 15 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ.»

بانكا يەنە 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان تۇرالغۇ، ئېنېرگىيە، مائارىپ، قاتناش ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان جىددىي رېمونت قىلىش ۋە دەسلەپكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن، كەم دېگەندە 20 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىناغا يەتكەن بىۋاسىتە زىياننىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتتا 176 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى، ھازىر بولسا 195 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، زىيانغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ تۇرالغۇ، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە: «زىيان-تەلەپەت ۋە ئېھتىياجلار ھازىرمۇ ئالدىنقى سەپتىكى رايونلار بىلەن چوڭ مېتروپول رايونلاردا كۈچلۈك بولماقتا» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش

باياناتتا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ۋەيران بولغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئۆتكەن يىللىق دوكلاتقا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %21 ئاشقانلىقى، قاتناش ساھەسىدىكى ئېھتىياجنىڭ بولسا ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا تەخمىنەن %24 يۇقىرىلىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

دۇنيا بانكىسى يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئەھۋالغا ئاساسەن، تۇرالغۇ زاپىسىنىڭ %14 نىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ياكى ۋەيران بولغانلىقىنى، بۇنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بانكىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى ساھە 96 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان خامچوت بىلەن قاتناش ساھەسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا تەخمىنەن 91 مىليارد دوللار بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە 90 مىليارد دوللار بىلەن تۇرالغۇ ساھەسى ئورۇن ئالىدىكەن. سودا ۋە سانائەت ساھەسىدىكى ئېھتىياج 63 مىليارد دوللاردىن كۆپ بولسا، يېزا ئىگىلىكىدە بۇ رەقەم 55 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ساھەدىكى تالاپەتنى چەكلەشكە ياردىمى بولغان تەكشۈرۈش ۋە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە قارىماي، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار خەۋپىنى باشقۇرۇش ۋە خارابىلىكلەرنى تازىلاش تەننەرخىنىڭ تەخمىنەن 28 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»