خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
بېلگىيە، مالتا، ئاندوررا، موناكو ۋە لىيۇكسېمبۇرگ ب د ت يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش دولقۇنى كۈچەيمەكتە.
بېلگىيە، مالتا، ئاندوررا، موناكو ۋە لىيۇكسېمبۇرگ ب د ت يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
بېلگىيەنىڭ باش مىنىستىرى بارت دې ۋېۋېر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا چاقىرىلغان پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىندا سۆز قىلدى. / AFP
2025-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى

بېلگىيە، مالتا، ئاندوررا، موناكو ۋە لىيۇكسېمبۇرگ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى ئۇزىراۋاتقان تىزىملىكىگە قوشۇلدى. ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا ئائىت يىغىن جەريانىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بۇ قەدەم، ۋەكىللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، پەلەستىن دۆلىتىگە بولغان خەلقئارالىق قوللاشنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان بىر تەرەققىيات دەپ باھالاندى.

مالتا باش مىنىستىرى: «بۇ ئېتىراپ قىلىش؛ تىنچلىققا، ئادالەتكە ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ ليۇكسېمبۇرگلۇق مەنسەپدىشى بۇنى «تارىخىي بىر قارار» دەپ ئاتىغان بولسا، بېلگىيە بۇ قەدەمنىڭ ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن سۆھبەتكە ئاساسلانغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ ئىلگىرى ئوخشاش يىغىندا ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇ: «بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلايمەن» دېگەن ۋە بۇنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ قارارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئەمدى ئۇرۇشنى، غەززەدىكى بومباردىمانلارنى، قىرغىنچىلىقلارنى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇشىنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھېچقانداق نەرسە غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاقلىيالمايدۇ» دېدى.

ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت

ماكرون ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، كانادا، موناكو، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە ۋە سان مارىنو قاتارلىق يېقىندا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئېتىراپ قىلىشنىڭ «پايدىلىق سۆھبەتلەرگە يول ئاچقانلىقىنى» ئېيتقان ماكرون، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ماكرون فىرانسىيەنىڭ «غەززەدىكى بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلار قويۇپ بېرىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھامان» پەلەستىندە بىر ئەلچىخانا قۇرالايدىغانلىقىنى ۋە پارىژنىڭ خەلقئارالىق مۇقىملىق ئورنىتىش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

فىرانسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يىغىندىن كېيىن ئېچىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە يىغىنغا قاتناشمىدى.

«TRT World»  قانىلىنىڭ مۇخبىرى بابا ئۇمار نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدىن بەرگەن مەلۇماتىدا مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ب د ت دا ئورتاق ساھىبخانلىق قىلغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىندى. ئەمما بۇ يىغىن فىرانسىيەنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپ، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندى».

ئۇ يەنە: «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق ئورتاق تونۇش، پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى بېكىتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى سىياسىي يىغىنلىرىنى باشلىدى
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
«ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش»
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت پاراخوتلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوغدايدۇ
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ