خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى» دېدى
پاكىستان باش مىنىستىرىشەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى، سۆھبەت ئىسلام ئابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېدى.
شەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى» دېدى
شەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى» دېدى / Reuters
2026-يىلى4-ئاينىڭ8-كۈنى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف جۈمە كۈنى ئىسلام ئابادتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سۆھبەتنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا سىجىل تىنچلىق ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف، ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق توقۇنۇش رايونلىرىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

شەرىف چارشەنبە كۈنى سەھەردە X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «چوڭ بىر كەمتەرلىك بىلەن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، لىۋان ۋە باشقا جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جايلاردا دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىمدىن خۇشالمەن،» دېدى.

شەرىف يەنە: «ھەر ئىككى تەرەپ پەۋقۇلئاددە ئەقىل-پاراسەت ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي شەكىلدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى،» دېدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى يەنە، بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئىسلام ئابادقا جۈمە كۈنىدىكى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شەرىف: «ئىسلام ئاباد سۆھبەتلىرىنىڭ سىجىل تىنچلىققا ئېرىشىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ خوش خەۋەرلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمەن!» دېدى.

ئىككى ھەپتە مۇددەتلىك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش

بۇ باياناتلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئىرانغا قاراتقان بومباردىمان ۋە باشقا ھۇجۇملارنى ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى» ئېيتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىرانمۇ، ئەگەر دۆلەتكە قارىتىلغان ھۇجۇملار توختىتىلسا، «مۇداپىئە ھەرىكەتلىرىنى» توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ئىران قوراللىق كۈچلىرى كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ھەرىكىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقتا
ئافغانىستان غەززەگە 500 توننىدىن ئارتۇق ياردەم ئەۋەتتى
ۋىيېتنام خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىماقتا
تۈركىيە ئىرانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
10 دۆلەت لىۋاندىكى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى