غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىدى
«Axios» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى رۇبىئونىڭ نېتانياھۇغا ترامپنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ تېز ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى نەقىل كەلتۈرگەن.
ئىسرائىلىيە غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىدى
ئىسرائىلىيە غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىدى / AP

«Axios» نىڭ خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئۈچۈن ئېگىز بىنالارنى نىشان قىلغان ۋە ھەپتىلەپ داۋاملاشقان ۋەھشىيانە بومباردىماندىن كېيىن، غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«Axios» دۈشەنبە كۈنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تاجاۋۇزچىلىقنىڭ باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

بۇ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئونىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا يېقىن جايدا باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەردى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىككى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى رۇبىئونىڭ نېتانياھۇغا ترامپنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ تېز ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە ئاخىرلىشىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە يەنە، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ: «رۇبىئو قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تورمۇز باسمىدى» دېگەنلىكى نەقىل قىلىندى. بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدارنىڭ ترامپنىڭ نېتانياھۇنى توختاتمايدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قوشۇمچە قىلدى.

ئامېرىكىلىق ئەمەلدار: «بۇ ترامپنىڭ ئەمەس، بىبىنىڭ (تېنانياھۇنىڭ) ئۇرۇشى، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەسئۇلىيەتنى ئۇ ئۈستىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئىرقىي تازىلاش ۋە پۈتۈنلەي يوقىتىش

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەيال زامىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى نېتانياھۇنى بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ۋە ھاماسقا قارشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ب د ت نىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسىسكا ئالبانىس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ غەززەنى ياشاشقا بولمايدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىرقىي تازىلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئالبانىس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەر مەركىزىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ «پۈتۈنلەي يوقىتىش» قا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «غەززەنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى ئىگىلەشكە قارىتىلغان داۋاملىق ھۇجۇم پەلەستىنلىكلەرنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەنە قالغان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىمۇ خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ» دېدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى