ستانفورد ۋە نانياڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئورتاق تەتقىقاتىغا قارىغاندا، قېرىش تەدرىجىي ئەمەس، تۇيۇقسىز دولقۇنلار شەكىلدە بولىدىكەن.
ھايات 40 ياشتىن ئاشقاندا باشلىنىدۇ...
يېڭى ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا، 44 ياشقا كىرگىنىڭىزدە قېرى ھېسابلىنىسىز. ئەمما تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسە، 60 ياشتا قېرىيسىز. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىنگاپوردىكى نانياڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا، ئىنساننىڭ قېرىشىنىڭ تەدرىجىي بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئومۇمىي قاراشقا گۇمان نەزىرى بىلەن قارالماقتا. دەرۋەقە، بۇ تەتقىقاتتا قېرىشنىڭ 44 ۋە 60 ياشلار ئەتراپىدا ئىككى تۇيۇقسىز دولقۇن ھالىتىدە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
«گېرونتولوگىيە» - قېرىلىق ۋە قېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش (پائالىيەتلىرى) – يېقىنقى مەزگىللەردە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا. دەرۋەقە، بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ئىنسانىيەت (تەتقىقاتچىلار) نىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون: «قېرىلىق ئادەمنى ياشلىق دۇنياسىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى ۋە دىققەت چېچىلىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئارىستوتىل بولسا، قېرىلىقنى «جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەبىئىي يوسۇندا كەينىگە چېكىنىش» دەپ ئاتايدۇ.
بىراق «Nature Aging» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى تەتقىقات بۇ مەسىلىنى پەقەت فىزىكىلىق نۇقتىدىنلا تەتقىق قىلىش ئوبېيكتى قىلغان. دەرۋەقە بۇ تەتقىقات 25 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 108 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ مولېكۇلاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلىنىدۇ.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى گېن ۋە خاسلاشتۇرۇلغان داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، بۇ تەتقىقاتنىڭ باش يازغۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مايكېل سنايدېر: «بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەيمىز. 40 ياشلارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 60 ياشلارنىڭ باشلىرى جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان مەزگىللەردۇر» دەيدۇ.
تەتقىقاتچىلار بۇ ياشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قېرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
قېرىش دولقۇنلىرى
بۇ يېڭى تەتقىقاتمۇ قېرىشنىڭ تەدرىجىي شەكىلدە بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلگىرىكى مۇستەقىل تەتقىقاتلارنى ئىسپاتلىماقتا.
يەتتە تەتقىقاتچى يازغان ماقالىدە قېرىش جەريانى قىسقىچە مۇنداق بايان قىلىنغان: «قېرىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەتقىق قىلىنغان نۇرغۇن تەتقىقاتلار بار، ئەمما ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ۋە ئۆلۈم خەۋپىنىڭ ئېشىشى مەلۇم ياشلاردىن باشلاپ تېزلىشىدۇ؛ بۇ، مولېكۇلىلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەھلىل قىلىشىمىزچە، قېرىشنىڭ مولېكۇلا بەلگىلىرىدە بىردەك سىزىقسىز ئەندىزىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق، ئىككى ئاساسلىق مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلدى، تەخمىنەن 44 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلدى.»
تەتقىقاتقا كۆرە، 44 ۋە 60 ياشلاردىن باشقا، 55 ياشمۇ ئالاھىدە مۇھىم.
گېرياترىك مودېللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ئاكادېمىكلار بۇنى «قېرىش دولقۇنلىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئىنساننىڭ 75 ياشقا كىرگەندە باشقا بىر «دولقۇن» غا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغانىدى.
دوختۇرلار ۋە كېسەللەر ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچى
يېڭى بايقاشلار ۋە ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار دوختۇر ۋە كېسەللەرگە داۋالاش – داۋىلىنىش جەريانىدا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ 44، 55، 60 ۋە 75 قاتارلىق مەلۇم ياشلاردا ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە قارىتا تېخىمۇ مۇداپىئەسىز ھالەتتە بولۇش ئېھتىماللىقى مۇھىم بىر يىپ ئۇچىدۇر.
بۇ تەتقىقاتقا قارىغاندا، 60 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن؛ بۆرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە 2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى خەۋپى بەكرەك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تەتقىقاتچىلار بۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى تېزلىتىش ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ سۇ ئىستېمال قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
55 ياشقا قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭىزنىڭ قەدرىنى بىلىڭ
ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھەيز كېسىلىش دەۋرى ھېسابلىنىدىغان 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا قېرىيدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەرلەرمۇ مۇشۇ ياشلاردا قېرىيدىكەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تەخمىنەن 55 ياش ئەتراپىدا بايقالغان بۇ ئۆزگىرىش باسقۇچى پەقەت ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگىلا خاس بولماستىن، بەلكى ھەر ئىككى جىنسنىڭ قېرىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوخشاشدۇر.
بۇ تەتقىقاتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 55 ياش قېرىشنىڭ ھالقىلىق بوسۇغىسىدۇر.»















