سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن دانىيە گىرېنلاندىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە ھەققىدىكى سۆزلىرى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى، بۇنداق بىر قەدەم تاشلاشنىڭ ناتونىڭ يىمىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا بىلەن دانىيە گىرېنلاندىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
كوپېنھاگېندا، دانىيە، 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، گىرېنلاندىيە بايرىقى لەپىلدىمەكتە. / Reuters

دىپلوماتىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە دانىيە ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى دانىيەدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، بۇ ھەپتە گىرېنلاندىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا تاراتقۇسى «CBS News»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سۆھبەت چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كونگرېسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق يىغىندا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دانىيە زېمىنىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. ئاقساراي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىرېنلاندىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك تاللاشلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كاين يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئىككى پارتىيەنىڭ قانۇن تۈزگۈچىلىرىنىڭ گىرېنلاندىيەنى ئىگىلەش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەرقانداق ھەربىي تەشەببۇسقا بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كاين ترامپنىڭ ئىلگىرىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ: «بىز بۇ ئىشنى زورلۇق ياكى بېسىم بىلەن قىلمايمىز. ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە مۇستەقىل دۆلەت بولغان دانىيە بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئۇلارنى دۈشمەن ياكى رىقابەتچى دەپ قارىمايمىز» دېدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرى ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى تۇتقۇن قىلغان 3-يانۋاردىكى ھەربىي ھەرىكەتتىن بۇيان، گىرېنلاندىيەنى «ئىگىلەش» مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق تىل ئىشلىتىشكە باشلىدى ۋە بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گىرېنلاندىيەدىكى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى ئامېرىكاغا قوشۇلۇشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ: «بىز ئامېرىكالىق بولۇشنىمۇ، دانىيەلىك بولۇشنىمۇ خالىمايمىز، بىز پەقەت گىرېنلاندىيەلىك بولۇشنى خالايمىز» دېيىشتى.

پىرېزىدېنت ترامپ بولسا جۈمە كۈنىدىكى باياناتى جەريانىدا: «گىرېنلاندىيە مەسىلىسىدە ئۇلار خالىسۇن-خالىمىسۇن بىرەر ئىش قىلىمىز. چۈنكى بىز قىلمايدىغان بولساق، رۇسىيە ياكى خىتاي گىرېنلاندىيەنى ئىگىلىۋالىدۇ. بىز رۇسىيە ياكى خىتاينى قوشنا قىلىشنى خالىمايمىز. مەن كېلىشىم ئارقىلىق ئاسان يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما ئاسان بولمىسا، قىيىن يول (زورلۇق كۈچ) بىلەن قىلىمىز» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى