ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە 6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى 6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە قارىتا بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى.
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
تۈركىيە 6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى (THY)، AJet، پېگاسۇس (Pegasus) ھاۋا يوللىرى ۋە SunExpress شىركەتلىرى خەتەرنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

تۈركىيە ھاۋا يولى شىركەتلىرى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران توقۇنۇشى يۈزىسىدىن شەرقتىكى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە قارىتا بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 6-مارتقىچە توختاتتى.

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ دائىرىلەرنىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرالئوغلۇ ئىران، ئىسرائىلىيە، ئىراق، قاتار، بەھرەين، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە ۋە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا قارىتا «NOTAM» (ئۇچۇش چەكلىمىسى) نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھاۋا بوشلۇقلىرىنىڭ رەسمىي ھالدا تاقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ئومان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر قىسمى ۋە لىۋانغا  قارىتا ئاممىۋىي ئۇچۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە جىددىي ئەھۋال تەدبىرلىرى دائىرىسىدە قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ باشقا تەرەپكە يۆتكەلگەنلىكىنى، Emirates ۋە Etihad Airways نىڭ سەپەرلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى قايتا باشلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇرالئوغلۇ تېھراندىكى ئىمام خۇمەينى خەلقئارا ئايرودرومىدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر ئايروپىلانى بىلەن پېگاسۇسنىڭ بىر ئايروپىلانىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye and Iran suspend day-trip border crossings as regional tensions escalate

ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش داۋاملىشىشى مۇمكىن

تۈركىيەنىڭ ئەرزان باھالىق تىرانسپورت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان AJet نىڭ نۆۋەتتە رايون چىگراسى ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان ئايروپىلانى يوق. Tailwind Airlines شىركىتىنىڭ بولسا ئىراقتىكى بىر شىركەتكە ئىجارىگە بېرىلگەن بىر ئايروپىلانى ئىراقتا تۇرماقتا. تۈركىيە ھاۋا يولى شىركەتلىرى چەكلەنگەن ھاۋا بوشلۇقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاكتىپ ئۇچۇشلىرىنى ئوخشىمىغان لىنىيەلەرگە يۆتكىمەكتە.

مىنىستىر ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ: «رايوندىكى خەتەرنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى، AJet، پېگاسۇس ۋە SunExpress تەرىپىدىن ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيە سەپەرلىرى 6-مارتقىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دېدى. شۇنداقلا پېگاسۇس ھاۋا يوللىرىنىڭ چىقارغان قارارىغا ئاساسەن 12-مارتقىچە ئىرانغا ئۇچمايدىغانلىقىنى، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە پىلانلانغان بارلىق سەپەرلەرنىڭمۇ 3-مارتقىچە توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرالئوغلۇ يەنە، كۈندىلىك باھالاشلارغا ئاساسەن قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ھازىرقى ئەھۋال ياخشىلانمىسا ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىپ داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Several US jets crash in Kuwait, crew survives: defence ministry
ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»