تۈركىيە ئامېرىكاغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى / TRT Uyghur
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەنقەرەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لۇئىزىيانا ئىشتاتىنىڭ نيۇ ئورلېيان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەندى.
باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىنىڭ تېز ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
نيۇ ئورلېيان ساقچى ئىدارىسى تۈنۈگۈن بىر ماشىنىنىڭ بۇربون كوچىسىدىكى خەلق توپىغا ئېتىلىپ كىرگەنلىكى، ۋەقەدە 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەڭ ئاز 35 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.