ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان: ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %0.6 تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن
ھىندىستاننىڭ باش ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى، «ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %0.6 تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن» دېدى.
ھىندىستان: ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %0.6 تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن
/ Reuters

ئامېرىكانىڭ ھىندىستان ئېكسپورتىغا قاراتقان تاموژنا بېجىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىرىنچى پەسىلدىكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئاساسەن، بۇ مالىيە يىلى ئۈچۈن بېكىتىلگەن %6.3 تىن %6.8 كىچە بولغان ئېشىش نىشانىغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلماقتا.

ھىندىستاننىڭ باش ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى ۋ. ئانانتا ناگېسۋاران «بىلۇمبېرگ» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھىندىستانغا يۈرگۈزگەن %50 لىك تاموژنا بېجىنىڭ بۇ يىل دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يېرىم پوئىنت تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ناگېسۋاران: «بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا ئاساسەن، بۇ مالىيە يىلى ئىچىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان تەسىرى %0.5 تىن %0.6 كىچە يېتىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا چارە تېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ترامپ ئۆتكەن ئايدا، ھىندىستاننىڭ نېفىت ئىمپورتىنىڭ موسكۋانىڭ ئۇرۇش خىراجەتلىرىنى قامداشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا يۈرگۈزۈلگەن تاموژنا بېجىنى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈپ، %50 كە يەتكۈزگەنىدى.

دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت ئىمپورتچىسى ۋە ئىستېمالچىسى بولغان ھىندىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى نىرمالا سىتارامان ئۆتكەن ھەپتە بايانات بېرىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە نېفىتىنى داۋاملىق سېتىۋالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump suggests no easing of punitive tariffs on India as Modi cosies up with Xi, Putin

ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2024-يىلى ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى تەرەپلىك تاۋار سودا سوممىسى 129 مىليارد دوللارغا يەتكەن، بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ سودا قىزىل رەقىمى 45.8 مىليارد دوللار بولغان.

ئېكسپورتچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ تاموژنا بېجى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان 87 مىليارد دوللارلىق تاۋار ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %55 ىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ۋىيېتنام، باڭلادېش ۋە خىتايغا ئوخشاش رەقىب دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

ناگېسۋاران 2026-يىلى مارتتا ئاخىرلىشىدىغان نۆۋەتتىكى مالىيە يىلى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ %6.3 تىن %6.8 كىچە بولغان ئېشىش مۆلچەرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز ئېشىش ھېسابلىنىدىغان 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان پەسىلدىكى %7.8 لىك ئېشىشنى بۇ ئىشەنچنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسەتتى.

 

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى