ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زورتۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئىسپانىيەنىڭ يەنە 15 دانە «ھۈرجەت» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور / Anadolu Agency

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مەھمەت دەمىرئوغلۇ 30 دانە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان رېئاكتىپ ئايروپىلان ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ۋە ئىسپانىيەنىڭ 15 دانە مەشىق ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھمەت دەمىرئوغلۇ تۈركىيە بىلەن 30 ئايروپىلانلىق كېلىشىم ئىمزالىغان ئىسپانىيەنىڭ، يەنە 15 دانە قوشۇمچە «ھۈرجەت» (HÜRJET) مەشىق ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى كاستامونۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە بۇ ھەقتە توختالغان دەمىرئوغلۇ، ئىسپانىيەگە ئايروپىلان يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 2028-يىلى باشلىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى باشلىماستىن بۇرۇن، ئىسپانىيە <بۇنى بەك ياقتۇردۇق، 30 دانە سېتىۋالىمىز> دېدى ۋە سېتىۋالدى. كېلىشىمنى ئىمزالىدۇق. 2028-يىلىدىكى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. ئۇلار يەنە 15 دانە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا دىققەت تارتىپ، مەكتەپ قورۇسىدا «قاغان» (KAAN) ئۇرۇش ئايروپىلانى، «ھۈرجەت» (HÜRJET) ۋە «ھۆرقۇش» (HÜRKUŞ) ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، سۈنئىي ھەمراھلار ۋە ئايروپىلان زاپچاسلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئەسلىھەنىڭ ئالتە ساھەدە سىناق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دەمىرئوغلۇ، بۇ يەرنى مىللىي ئىپتىخارلىق مەنبەسى دەپ سۈپەتلىدى.

«ھۆرقۇش» ئايروپىلانلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان دەمىرئوغلۇ، ئەزەربەيجاننى مۇھىم بىر ئېكسپورت دۆلىتى دەپ ئاتىدى ۋە شىركەت سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ چەت ئەلگە سېتىش نىشانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «2020-يىللىرىدا، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئۇتۇقلار بىلەن پۈتۈن دۇنيادا تۈركىيەگە نىسبەتەن غايەت زور بىر قايىللىق شەكىللەندى. مەھسۇلاتلىرىمىزغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە قايىل بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

«ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ياساۋاتىمىز»

دەمىرئوغلۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە پىروگراممىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەيۋاتىمىز. ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك. <قاغان> نى ئىشلىتىشنى خالىمايمىز. بىز ئۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ياساۋاتىمىز» دەپ ئىزاھات بەردى.

دەمىرئوغلۇ پائالىيەتتە يەنە ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خىتاب قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنى كەلگۈسى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە تېكنوفېست (TEKNOFEST) ئاۋىياتسىيە ۋە تېخنولوگىيە بايراملىرىنىڭ تېخنولوگىيەگە بولغان قىزىقىشنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى