خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مۇسۇلمانلار بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستا قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسادا جەم بولدى
بۇ يىل 2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بىرى كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇسۇلمانلار ئەڭ مۇھىم ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىكۈتۈۋالماقتا.
مۇسۇلمانلار بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستا قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسادا جەم بولدى
مۇسۇلمانلار بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستا قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسادا جەم بولدى / AA

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىلىرى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى چارشەنبىدە، ھېيت نامىزىنى ئوقۇشقا كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن لىق تولدى.

مۇسۇلمانلار بۇ قۇتلۇق كۈندە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ پىداكارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ، قۇربانلىق گۆشلىرى جەمئىيەتتىكى نامراتلارغا تارقىتىلىدۇ.

بۇ يىل 2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بىرى كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە مۇسۇلمانلار كالىندارىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيت توغرا كەلدى.

ھېيت ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ جەنۇبىدا پەلەستىن يېزا-بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ، دۇكاندارلارنى خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىغان ۋە رايون ئاھالىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر، شاھىتلار تەرىپىدىن شۇنداقلا پەلەستىن دۆلەتلىك تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى تارقاتقاندىن كېيىن، بازار مەركەزلىرى ھېيتلىق تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن توشۇپ، سودا-سېتىق ئەڭ قىزىغان سائەتلەردە بۇ بېسىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئاساسلىق بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى، ئەلخەلىلنىڭ  جەنۇبىدىكى دۇرا  بازىرىغا مەركەزلەشتى. شاھىتلار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئادەم ئىنتايىن زىچ بولغان ب بىر پەيتتە بازار مەركىزىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭ كوچىلارغا تارقىلىپ، كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىلىرى ئاتقانلىقىنى ۋە دۇكاندارلارنى دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەدە باشلىغان قىرغىنچىلىقىدىن بىرى، ئىشغالىيەت ئاسىتىدىكى قىرغاقتا ئۆلتۈرۈش، نازارەتكە ئېلىش، شەھەر ۋە بازارلارغا بېسىپ كىرىش، ئۆيلەرنى تەكشۈرۈش ۋە مال-مۈلۈكلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇرغان بىر مەزگىلدە بۇ ھۇجۇملارمۇ يۈز بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli attacks kill 9 Palestinians across Gaza on eve of Eid al-Adha
ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا