ئىسرائىلىيەدىكى ئەسكەر ئائىلىلىرىدىن نېتانياھۇغا چاقىرىق
ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىلىرى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنى غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
نېتانياھۇ / TRT Uyghur
«ھائارېتز» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەخمىنەن 800 ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرنىڭ ئائىلىسى نېتانياھۇغا تېل ئاۋىۋ بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززە ھۇجۇملىرى ھەققىدە خەت يوللىغان.
ئائىلىلەر تەرىپىدىن يوللانغان خەتتە، نېتانياھۇ «سىياسىي ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن» غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«سىزنىڭ تۇتقۇنلار ۋە ئەسكەرلەر بىلەن كارىڭىز بولمايۋاتقانلىقىڭىز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز سىزدىن تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھاماس بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.»