خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى خەۋپكە ئىتتىرىمىز»
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى نىكزاد، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئىران خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرغان تەقدىردە، «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ئىراننىڭ ISNA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنتنىڭ ئوچۇق يىغىنىدا سۆز قىلغان نىكزاد، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا توختالغان.

ئامېرىكىنىڭ بېسىملىرىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى بىلەن مەنپەئەتىنى «پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى» تىلغا ئالغان نىكزاد: «خىيالپەرەس دۈشمەنلىرىمىز پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي قامال ھەققىدە سۆز ئېچىۋاتىدۇ، ئەمما جىنايەتچى ئامېرىكا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئىران مىللىتى بۇ بىمەنە گەپلەرگە تەسلىم بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىنى جازالايدۇ ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئېغىر دەرىجىدە خەۋپكە ئىتتىرىدۇ» دېدى.

ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يەنە: «ئىران خەلقىنىڭ تۇرمۇش مەنبەلىرى ۋە ئىقتىسادى تېخىمۇ قىسىلسا، بۇ مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنىڭ پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار