غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ 2 كۈندە غەززەدىكى 50 بىنانى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ماختانغان ھالدا جاكارلىدى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ غەززە شەھىرىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ «باشلىنىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھاماس بۇ باياناتلارنى «جىنايى خاراكتېرلىك رەھىمسىزلىك» دەپ ئەيىبلىدى.
نېتانياھۇ 2 كۈندە غەززەدىكى 50 بىنانى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ماختانغان ھالدا جاكارلىدى
/ AP

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە شەھىرىدە ئىككى كۈن ئىچىدە 50 تۇرالغۇ بىناسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ماختانغان ھالدا جاكارلىدى، ھەمدە قورشاۋ ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر مەركىزىنى ئىشغال قىلىش پىلانى دائىرىسىدە تېخىمۇ كۆپ بىنانىڭ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نېتانياھۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئالدىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ ئېگىز بىنالارنىڭ 50 ى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى. ھاۋا ئارمىيەسى بۇ بىنالارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى غەززە شەھىرىدە ھازىر ئۇيۇشۇپ توپلانغان كۈچلىرىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى، يەنى بۇ ئاساسلىق شىددەتلىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغۇچى ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ، غەززەلىك پەلەستىنلىكلەرنى قېچىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ شىددەتلىك ئاساسلىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پەقەت بىر تەييارلىق قىسمىدۇر. شۇڭا غەززە ئاھالىلىرىگە ئېيتىمەنكى: سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلدۇڭلار، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار.»

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس بۇ باياناتلارنى «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان رەھىمسىزلىك ۋە جىنايەتنىڭ ئەڭ شەرمەندىلەرچە ئىپادىلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى غەززە شەھىرىدە يۈزلىگەن كۆچمەن پۇقرالارغا پاناھ جاي بولۇۋاتقان كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنى نىشانغا ئېلىشقا باشلاپ، شەھەرنى بوشىتىش ۋە ئىشغال قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بومباردىماننى كۈچەيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

 

غەززە سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 64 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق غەززەنى خاراب قىلىپ، نوپۇسىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىغان ھەمدە ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان.

خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئالدىنقى يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززەدىكى ۋەھشىلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

يەر شارى خاراكتېرلىك تەنقىدلەرگە قارىماي، نېتانياھۇ: «بۇ پەقەت چوڭ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى» دەپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋەدە بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...