فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتلىرىنى كۈتۈۋالغاندا، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى
خاقان فىدان: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە سىياسىي كىرىزىسلارغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئادالەت بەرپا قىلىش يولىدا كۈنسېرى ئاكتىپ رول ئوينىماقتا» دېدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدىكى ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىپتار زىياپىتى چارشەنبە كۈنى پايتەختتىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
فىدان ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە سىياسىي كىرىزىسلارغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئادالەت بەرپا قىلىش يولىدا كۈنسېرى ئاكتىپ رول ئوينىماقتا» دېدى.
فىدان يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە تەشكىلاتنىڭ خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «بۇ مۇبارەك ئاينىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىنچلىق ۋە ھۇزۇرغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان ھۆرمەتلىك ئەلچىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.