تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ

سودا ئىشلىرىدا يېڭى دەۋر باشلاندى. تەۋسىيە قىلىنغان سانائەت پىلانى دائىرىسىدە تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ.

By
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ / AP

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاممىۋى سېتىۋېلىش، تولۇقلىما مەبلەغ ۋە خېرىدار چاقىرىش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىشنى پىلانلىماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەۋسىيە قىلىنغان سانائەت سىياسىتى تەشەببۇسى دائىرىسىدە تۈركىيە ماللىرى ۋە زاپچاسلىرىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھسۇلاتى» (Made in EU) دەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئىتتىپاق ئىچىدىكى مەلۇم ئاممىۋى تولۇقلىما مەبلەغلەر ۋە خېرىدار چاقىرىشلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان قويۇق سودا ۋە سانائەت ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

بۇ ئۆزگىرىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت ياردىمى پىروگراممىلىرى ئۈچۈن «ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھسۇلاتى» شەرتىنى ئېلىپ كېلىدىغان «سانائەت تېزلەتكۈچى قانۇنى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

دائىرىلەر بۇ تەشەببۇسنىڭ ياۋروپانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى قوللاش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئادالەتسىز دەپ قارىغان يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بولۇپمۇ سۈپەتلىك تېخنولوگىيەلەر، سېمونت، پولات ۋە ئاليۇمىن قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا سانائىتى ساھەسى بولۇپمۇ خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن كېلىۋاتقان بېسىم ئاستىدا قالماقتا.

پىلانغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان تۆۋەن كاربونلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاممىۋى سېتىۋېلىش پىروگراممىلىرى، تولۇقلىما مەبلەغلەر ۋە خېرىدار چاقىرىشلاردىن پايدىلىنىشنى نىشان قىلماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانى تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنى ئاشۇرماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە تاموژنا ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۆزئارا بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، بۇ تەكلىپ ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە شىركەتلىرى ۋە تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئېنىقلىقلار ۋە كاپالەتلەر بېرىدۇ.

بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە شىركەتلىرى نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىش بازىرىغا ئۆزئارا كىرىش پۇرسىتى كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن، فىرانسىيەدىكى بىر مەكتەپ ياكى دوختۇرخانىنى قايتا قۇرۇشقا ئوخشىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتنىشالمايدىكەن. ئەمما مەزكۇر ئەھۋال كەلگۈسىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ چەكلىمىگە قارىماي، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان سېمونت ياكى ئاليۇمىنغا ئوخشىغان ماللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاممىۋى سېتىۋېلىش پىروگراممىلىرى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن تۈرلەردە يەنىلا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئاممىۋى تولۇقلىما مەبلەغلەر ۋە خېرىدار چاقىرىشلار ئۈچۈن، تەكلىپنىڭ ھازىرقى ھالىتى بويىچە تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سالاھىيىتى بىلەن تەڭ قىممەتتە تولۇق كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ، تۈركىيەنىڭ بىز يېقىن تۇتۇشنى ۋە سودىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغان مۇھىم بىر شېرىك سۈپىتىدە قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

 باياناتچى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىتتىپاقنىڭ بۇنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «خۇشاللىنارلىقى شۇكى، تۈركىيە شىركەتلىرى ۋە تۈركىيە ماللىرى ئاممىۋى تولۇقلىما مەبلەغلەرگە ۋە خېرىدار چاقىرىشلارغا كىرىش جەھەتتە 'Made in EU' دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.»

بۇ تەدبىر تۈركىيە ياۋروپا تەمىنلەش زەنجىرىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بىر ساھە بولغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

نۆۋەتتىكى تەكلىپكە ئاساسەن، تۈركىيە شىركەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىش بازارلىرىغا بىۋاسىتە كىرەلمىسىمۇ، لېكىن ئىسپانىيە، فىرانسىيە ياكى بېلگىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىشلاردا غەلىبە قىلغان تەقدىردە،بۇ شىركەتلەرنىڭ تۈركىيەدىن تەمىنلىگەن زاپچاس ۋە ماللىرى يەنىلا بۇ پىروگرامما دائىرىسىگە كىرىدۇ.