خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: قاتار ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك
ترامپ قاتارنى ئامېرىكانىڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ ماختاش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇرا شەرققە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى.
ترامپ: قاتار ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك
/ Reuters Archive

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ماختاپ، بۇ پارس قولتۇقى دۆلىتىنى «چوڭ ئىتتىپاقداش» دەپ ئاتىدى. بۇ بايانات ئىسرائىلىيەنىڭ دوھاغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ موررىستوۋن ناھىيەسىدىن ئاقسارايغا قايتىپ كېتىۋاتقاندا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

 «قاتار چوڭ ئىتتىپاقداشقا ئايلاندى. ئۇلار ناھايىتى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشلارنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار سىياسىي جەھەتتىن بىرئاز ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. لېكىن شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى ، ئۇلار ئامېرىكا ئۈچۈن قالتىس ئىتتىپاقداش بولدى.»

ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ قاتاردا ھاماسنىڭ بەش ئەزاسى ۋە قاتارلىق بىر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمى توغرىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىى بېنيامىن نېتانياھۇغا قانداق سىگنال بېرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنى ھۇجۇملىرىدا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

«يەنى ئىسرائىلىيە ۋە باشقا ھەممەيلەن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.»

ترامپ جۈمە كۈنى نيۇ يوركتا قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئەلسانىنى كۈتۈۋالدى. پارس قولتۇقى دۆلىتى قاتارنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى كەچلىك تاماق زىياپىتىنىڭ «قالتىس» ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ئۇچرىشىش سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھۇجۇم رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ  قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - قاتار: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تىنچلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا

 ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى

 

ترامپ ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچلۈك ئىپادىلەپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرمەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوفقا قاتارنى ھۇجۇم ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى.

 قاتار ترامپنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلىپ، ھۇجۇم باشلانغاندىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماس ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. بۇ ھۇجۇم قاتاردىكى ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.

ئىسرائىلىيە 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كەم دېگەندە 65 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.

قاتار ئامېرىكا ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق مۇرەسسەچىلەردىن بىرىدۇر.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى