تۈركىيە
1 min read
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
ئەردوغان پوتىن / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە مەسىلىسىگە ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە بۇ قەدەملەر بىلەن بىرلىكتە، رايوندا دىپلوماتىيەگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ جەرياندا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش جەريانىغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتمەسلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ تېخىمۇ ئېغىر مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى