ئىران پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى شەھەرلىرىدىكى پارتلاشلار داۋاملىاشماقتا، كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدىنمۇ تۈتۈن ئۆرلىدى.
پارىس قولتۇقى شەھەرلىرىدىن دۇبەي، دوھا ۋە مانامادىمۇ قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىران ئامېرىكا بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
دۈشەنبە كۈنى AFP مۇخبىرى، ئىراننىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ئۈچىنچى كۈنىگە يقەدەم قويىشى بىلەن بىرگە، كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدىن قارا تۈتۈنلەرنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دىپلوماتىك ۋەكىللىك ئورنى كىشىلەرنى بىنالارغا كەلمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
شەھەردە ئىلگىرى سىگنال ئاۋازلىرى ئاڭلانغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دىنىي رەھبەر ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇملىرىغا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دولقۇنىدىن كېيىن يۈز بەردى.
باش ئەلچىخانا نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىمىدى. ئەمما كىشىلەرنى يىراق تۇرۇشقا چاقىرىدىغان بىر بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «كۇۋەيتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى تەھدىتى داۋاملاشماقتا. باش ئەلچىخانىغا كەلمەڭلار» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە: «ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى خادىملىرى تۇرۇۋاتقان ئورۇنلىرىدا پاناھلانماقتا» دېگەن ئىبارە ئورۇن ئالدى.
كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاڭ سەھەردە كىچىك، نېفىتقا باي دۆلەتنى نىشانلىغان سانى ئېنىق بولمىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران بۈگۈنگىچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا پارىس قولتۇقىدا بەش كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۇۋەيتتە بىر كىشى ئۆلگەن.
دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ توسۇپ قېلىنىشى
كۇۋەيت دۈشەنبە كۈنى دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى توسۇپ قالدى. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن ئىراننىڭ قوشنا قولتۇق دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىدى.
دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇقرالار مۇداپىئە باش ئىدارىسى كۇۋەيت ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ رۇمەيتىيا ۋە سالۋا مەھەللىلىرى يېقىنىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ھېچقانداق يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە AFP مۇخبىرلىرى ۋە رايون ئاھالىلىرى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، دوھا، ماناما ۋە كۇۋەيت قاتارلىق قولتۇق شەھەرلىرىدە قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان.
تېھران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ شەنبە كۈنى ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشانلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، توقۇنۇش رايوندىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە ۋە سودا مەركەزلىرىگە بولغان تەسىرىنى كېڭەيتىپ، پارىس قولتۇقى شەھەرلىرىدىكى ھەر خىل پۇقرۋىي ۋە سودا رايونلىرىغىمۇ زەربە بەردى.