سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن ئىران 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران مۆھلەت توشۇشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى كېلىشىم ئۈچۈن مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
ئامېرىكا بىلەن ئىران 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ئامېرىكا بىلەن ئىران 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا / AP
5 سائەت بۇرۇن

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، مۇرەسسەچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن؛ سۆھبەتتە ھورمۇز بوغۇزىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇران زاپىسى مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىران ۋە رايونلۇق مۇرەسسەچىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا، 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىمىزدىكى 48 سائەت ئىچىدە قىسمەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تىرىشچانلىق ۋەزىيەتنىڭ تىراگېدىيەلىك شەكىلدە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر يول دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىپ كېتىشى ئىراننىڭ پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئېنېرگىيە ھەم سۇ ئەسلىھەلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئۇلتىماتۇم مۆھلىتىنىڭ مۇددىتىنى 20 سائەت ئۇزارتىپ، يېڭى ئاخىرقى مۇددەتنىڭ شۇ جاي واقتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى سائەت 20:00 ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ «جىددىي سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى» ۋە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ياخشى بىر پۇرسەت بار، ئەمما ئىران كېلىشىم تۈزمىسە، مەن ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى پارتىلىتىۋېتىمەن» دېدى.

ئىككى باسقۇچلۇق تەكلىپ

مۇزاكىرىلەرنىڭ پاكىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەلىك مۇرەسسەچىلەر، شۇنداقلا ئەلچى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچۇرلىشىشلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەكلىپ قىلىنغان ئىككى باسقۇچلۇق كېلىشىم 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئۇرۇشنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

مۇرەسسەچىلەر ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى پەقەت ئاخىرقى كېلىشىم ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئىرانلىقلار ئۇرۇش توختىتىشنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالىدىغان «غەززە ياكى لىۋان ۋەزىيىتى» بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز ئارمىيەسى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «ھەرگىزمۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

مۇرەسسەچىلەر ئىران دائىرىلىرىگە باشقىچە پوزىتسىيە تۇتۇشقا ۋاقىتنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى 48 سائەتنىڭ زور ۋەيرانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ
خىتاي: ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىرانغا قىلىنغان «قانۇنسىز» ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى
تۈركىيە دۇنيانى دىپلوماتىيەگە چاقىردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «دۇنياغا ئوچۇق، دۈشمەنلەرگە تاقاق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى
ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە 12 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
«مەنىۋى مەسلىھەتچىسى» نىڭ ترامپنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېغىر يارىلاندى
ھىندونېزىيەنىڭ مولۇك دېڭىزىدىكى 7.8 باللىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى
ترامپ قۇدرىتى«ئاجىزلاشتۇرۇلدى» دېگەندىن كېيىنلا ئىران ئىسرائىلىيەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش قانۇنىنى ئەيىبلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئىرانغا قارشى «قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ» «ئاساسلىق جاۋابكارى» ئىسرائىلىيە
رۇسىيە لۇخانسكنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
رۇبىيو: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدىن كېيىن ناتو بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئىراندا تۇرۇشلۇق كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى