سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ ئامېرىكا ھەربىي ياردىمىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا-ھاماس سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي ياردىمىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
نېتانياھۇ ئامېرىكا ھەربىي ياردىمىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
/ AP

نېتانياھۇ ئامېرىكا-ھاماس  سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي ياردىمىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا،  ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئۆزىنى سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزدى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېتانياھۇ بىلەن دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى  ئىختىلاپنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكادىن ئېلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ياردەملەرنىڭ تەدرىجىي ئازايتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. 

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹Maariv› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېتانياھۇ يەكشەنبە كېچىسى ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كنېسسېت) نىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭچە، ئامېرىكادىن بىخەتەرلىك ياردەملىرىنى ئېلىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن.»

نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكادىن ھەر يىلى 4 ميليارد دوللار ياردەم ئېلىپ قورال - ياراغ سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ئەمما تېل ئاۋىۋنىڭ ئىقتىسادىي ياردەملەردە بولغىنىدەك بۇ ياردەمنى ئېلىشنىمۇ توختىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ھەيران قالارلىق باياناتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. 

نېتانياھۇنىڭ بۇ باياناتلىرى، غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەم ئىسرائىلىيەلىك ھەم ئامېرىكالىق تۇتقۇن ئېدان ئالېكساندېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھاماس  ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. 

ترامپ بىر باياناتىدا، ھاماسنىڭ ئالېكساندېرنى «ياخشى نىيىتىنىڭ ئىپادىسى» سۈپىتىدە قويۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە غەززەدىكى «رەھىمسىز ئۇرۇش» نى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان. 

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ترامپ-نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىپ كېتىشى، ئىران، يەمەندىكى ھۇسىيلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى ۋە ھاماس  بىلەن توختاپ قالغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. 

ترامپ 13-ماي كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن، ئەمما تېل ئاۋىۋغا زىيارەتكە بارمايدىكەن.

خەۋەرلەردە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىغا نىسبەتەن يېقىنقى مەزگىلدە «ھەيران قالارلىق» بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا ئىكەن. 

بۇ سىياسلەردىن بىرى ۋاشىنگتوننىڭ يەمەندىكى ھۇسىيلار بىلەن كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئىكەن، يەنە بىرى بولسا ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدىن ۋاز كېچىشى ئىكەن. 

«‹Maariv› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەسىلىدىن خەۋەردار مەنبەلەر، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان «ئوچۇق - ئاشكارا سىر» ئىكەن. ئامېرىكا ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش شەرتىنى قويماستىن رىياد بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سۈكۈت قىلىشى ھەم تېل ئاۋىۋ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ ھەم ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش ئالامەتلىرىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن. 

 ئامېرىكا-ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى

 ئۇممان سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا بىلەن يەمەندىكى ھۇسىيلار  ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ بۇ كېلىشىمنىڭ راستلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ كېلىشىم سايىسىدا ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە بابۇلمەندەپ بوغۇزىدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكانىڭمۇ يەمەنگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئەمما ھۇسىيلار بۇ كېلىشىمنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ۋە غەززە بىلەن ھەمدەرد بولۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
موسكۋاغا 650 ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلىندى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ: ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى