مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ «كىتاب دوختۇرخانىسى»: نادىر قوليازمىلار قايتىدىن يورۇق كۆرۈشكە باشلىدى
ئىستانبۇلدىكى تارىخىي رامى كۇتۇپخانىسىنىڭ «شىفاخانە» بۆلۈمىدە، مۇتەخەسسىسلەر ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن نادىر قوليازمىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ بىباھا ئەسەرلەرگە قايتىدىن ھاياتلىق بېغىشلىماقتا.
00:00
تۈركىيەنىڭ «كىتاب دوختۇرخانىسى»: نادىر قوليازمىلار قايتىدىن يورۇق كۆرۈشكە باشلىدى
نادىر قوليازمىلار / AA Archive

18 -ئەسىردىن قالغان، ئىلگىرى ھەربىي قىسىم گازارمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن تارىخىي بىناغا جايلاشقان رامى كۇتۇپخانىسى، 2023-يىلى ئېچىلدى. كۇتۇپخانا ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىفاخانە» ناملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، تۈركىيە يازما ئەسەرلەر ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا خىزمەت قىلماقتا.

«كىتاب دوختۇرخانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىفاخانەدە، ئوسمانلى تۈركچىسى، ئەرەبچە، پارسچە، ئىبرانىچە ۋە رۇسچە قاتارلىق ھەرخىل تىللاردا يېزىلغان، نەچچە ئەسىرلىك نادىر ئەسەرلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنماقتا.

شىفاخانەنىڭ رەئىسى دوكتور نىل بايدار، TRT World غا بەرگەن باياناتىدا ئەسناسىدا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئوخشايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «قوليازمىنىڭ ساغلاملىقى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئەسەرلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ھالدا ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىگە ئائىت نادىر قۇرئانى كەرىم نۇسخىلىرىنىڭ يېنىدا، داڭلىق فىقھ ئالىمى ئەھمەد بىن ھەنبەلنىڭ ھەدىس ئىلمى ھەققىدە يازغان 1069 يىللىق تارىخقا ئىگە «ئەلئىلەل ۋە مەئرىفەتۇررىجال» ناملىق ئەسىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادا بىلىنگەن بىردىنبىر نۇسخىسى سۇلەيمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

كىتابلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش باسقۇچىغا دائىر ئۇچۇرلارنى؛ ھەر بىر بەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان جەرياننىڭ تەپسىلاتلىرىنى TRT World قا بايان قىلىپ بەرگەن شىفاخانەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش خىزمەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچى، ئەسەرلەرنىڭ تەپسىلىي ھۆججەتلەشتۈرۈلۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانىدا قوللىنىلغان ماتېرىيال ۋە تېخنىكىلارنى تەكشۈرىدۇ. كېيىنچە، ئەسەرلەردىكى نەملىك، چۈرۈش، ھاشارات ۋە تەبىئىي كونىراش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ھەر بىر بەتتىكى چاڭ-توزان، كىر ۋە داغلار تازىلانغاندىن كېيىن، كىچىك يىرتىقلار تەبىئىي يېلىملار بىلەن ئوڭشىلىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان قىسىملارغا مۇۋاپىق قېلىنلىقتىكى قول ياسىما ياپون قەغىزى يېلىملىنىپ بېسىلىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بەتلەر، كىتاب شەكلىدە بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ جەريان، بەزىدە بىر قانچە ئايغىچە سوزۇلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەردىن مەبرۇرە ئىپەك يۈكسەل، ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ «ئەڭ مۇھىم باسقۇچ» بولغان ھۆججەتلەشتۈرۈش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ باسقۇچتا يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

شىفاخانە، ياۋروپانىڭ ئەڭ تولۇق ئەسلىھەلەشكەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركەزلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دەپ قارىلىدۇ. بۇ يەردە خىمىيە ئىنژېنېرلىرى، خىمىيەگەرلەر ۋە بىئولوگلاردىن تەركىب تاپقان 80 كىشىلىك مۇتەخەسسىس، ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەنى قوللىنىپ ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتور نىل بايدار تۈركىيەدىكى كەسپىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ 2012-يىلى باشلانغانلىقىنى ۋە تېخنولوگىيە بىلەن بىللە بۇ ساھەدىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭمۇ تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

رامى كۇتۇپخانىسىدىكى شىفاخانە، ئۆتمۈشنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان نادىر ئەسەرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلىمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىداكارانە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن، يۈز يىللار بويى ساقلانغان بىلىملەر قايتىدىن ھاياتلىققا ئىگە بولماقتا.

مەنبە:TTR Global
ئىزدىنىڭ
«نازا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سىياسەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى يورۇتۇپ بەردى
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مارمارا يەر تەۋرەشىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە ئۇچۇرى ئېلان قىلدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
چىكاگو شەھەر باشلىقى ئاۋغۇست ئېيىنى «تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېيى» ئېلان قىلدى
ئەمىنە ئەردوغان خەلقنى «نۆل تاشلاندۇق» فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلدى
1.7 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ھاجى بولدى
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى
ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت ئەلچىمىز
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىبادىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلانماقتا
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
دۇئادىن توقۇنۇشقىچە: مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزمەكتە
ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەر كۆلەڭگىسىدە روزا ھېيتتا بىرلىككە كېلىش چاقىرىقى قىلدى