سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن بېجى ئىجرا قىلىندى، خەلقئارالىق سودا ئۇرۇشى كۈچىيىۋاتىدۇ
باجلاردىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئامېرىكاغا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان چەت ئەللىك تەمىنلىگۈچىلەردىن كانادا، بىرازىلىيە، مېكسىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەمۇ بار.
00:00
ترامپنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن بېجى ئىجرا قىلىندى، خەلقئارالىق سودا ئۇرۇشى كۈچىيىۋاتىدۇ
ترامپنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن بېجى ئىجرا قىلىندى / AP

ئپىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتى ئۈچۈن يولغا قويغان ئۆستۈرۈلگەن بېجى كۈچكە ئىگە بولدى، بۇ ۋەزىيەت ياۋروپانىڭ تېز قايتۇرغان ئىنكاسى بىلەن ئامېرىكانىڭ يەر شارى سودا ئۆلچەملىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش سەپەرۋەرلىكىنى تېزلەتتى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئۈچۈن قوغداشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى، بارلىق مېتال ئىمپورتىغا نىسبەتەن %25 لىك يەر شارى بېجىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ  ھەمدە مېتاللاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان يۈزلىگەن ئارا مەھسۇلاتلار ئۈچۈنمۇ تامۇژنا بېجىنى كېڭەيتىدۇ؛ سىم تور ۋە  مىخلاردىن تارتىپ بۇلدوزېر تىغلىرى ۋە ئىچىملىك قۇتىلىرىغىچە.

ياۋروپا كومىتېتى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، كېلەر ئايدىن باشلاپ 26 مىليارد ياۋرو (28 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى ئامېرىكا ماللىرىغا قارشى زەربىدار باج ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئومۇمىي باجلارنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، كانادا قارشى تەدبىرلەرنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەنگلىيە ئىش ۋە سودا سېكرېتارى جوناتان رېينولدس  بولسا، «بارلىق تاللاشلار مۇزاكىرە ئۈستىلىدە بار» دېدى.

باج ئاخىرقى چىسىلاغا يېقىنلاشقاندا، كانادانىڭ ئامېرىكاغا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئېكسپور قىلىشىغا قارىتا ترامپنىڭ باجنى %50 كە ئۆستۈرۈش تەھدىتى بىلەن بەزى ئويۇنلار يۈز بەردى.

لېكىن ترامپ، ئونتارىئو باش مىنىستىرى دوگ فوردنىڭ ئىشتاتىدىن مىننېسوتا، مىچىگان ۋە نيۇيورك ئىشتاتلىرىغا ئېكسپور قىلىنىدىغان توكقا %25 لىك قوشۇمچە باجنى يولغا قويۇش قارارىنى توختاتقاندىن كېيىن بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچتى.

ئاقساراي باياناتچىسى، ئامېرىكانىڭ كانادا ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن بىر «غەلىبە» دەپ تەرىپلىدى.

ئامېرىكا تامۇژنا ۋە چېگرا قوغداش ئورگىنى، يېرىم كېچىدە ئاخىرقى چېسلادىن بۇرۇن، نورما تۈزەش بەلگىلىمىلىرى ئاستىدا تامۇژنا بېجىسىز كىرىشكە ماس كېلىدىغان ئىمپورتنى توختاتتى ھەمدە توشۇغۇچىلارغا نورما بەلگىلىمىلىرى ھۆججەتلىرىنىڭ ئامېرىكا كىرىش پورتلىرىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 16:30 غىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئۇقتۇرۇش يوللىدى؛ ئەكس تەقدىردە تولۇق باج يۈرگۈزۈلىدۇ.

سانائەت گۇرۇھلىرى باجلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەبرىكلىمەكتە

بۇ ھەرىكەت، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى تەرىپىدىن، ترامپنىڭ 2018-يىلىدىكى مېتال باجلىرىنى قايتا بەلگىلىشى سۈپىتىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى. چۈنكى بۇ باجلار نۇرغۇن دۆلەت ئىستىسناسى ۋە نورما بەلگىلىمىلىرى بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئىدى ھەمدە مىڭلىغان مەھسۇلات كونكرېت ئىستىسلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فىلىپ بېل: «باجدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ، يىللاردىن بۇيان سۇيىئىستېمال قىلىنغان بۇ بوشلۇقلارنى تاقاش ئارقىلىق، پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانى قايتىدىن قۇرۇشقا تەييار بىر پولات-تۆمۈر سانائىتىنى پەۋقۇلئاددە قايتا زەرەتلەيدۇ. تۈزىتىلگەن باج، ئامېرىكالىق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېڭى يۇقىرى ھەقلىق ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىشنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئادىل بولمىغان سودا قىلمىشلىرى تەرىپىدىن يەنچىلمەستىن تېخىمۇ چوڭ مەبلەغ سالالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

كانادا ئېنېرگىيە مىنىستىرى جوناتان ۋىلكىنسون رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا بېجى داۋاملىشىدىغان بولسا، كانادانىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلەش ياكى كان مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە ئېكسپورت بېجى ئېلىش قاتارلىق تامۇژنىدىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي، ئاليۇمىن ۋە ئاليۇمىندىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. لېكىن بۇرۇندىن دەۋا قىلىنغان ئېتىۋار ۋە ياردەم پۇلىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى باجلارغا دۇچار بولۇپ كەلمەكتە ھەمدە فېنتانىل ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن ترامپنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يولغا قويغان يېڭى %20 لىك بېجىغا دۇچار بولماقتا.

 

مەنبە:TRT Uygur
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى