ئامېرىكانى باسقان قىشلىق بوران سەۋەبىدىن 14 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەنبە كۈنى 3898 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، يەكشەنبە كۈنى 8822، دۈشەنبە كۈنى 1549 ئايروپىلان سەپىرىنىڭ قوشۇمچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

By
ئامېرىكانى باسقان قىشلىق بوران سەۋەبىدىن 14 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى / Reuters

ئامېرىكا مىقياسىدا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تارىخىي  خاراكتېرلىك كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلغان قىشلىق بوران ھاۋا قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئايروپىلان سەپىرىنى نازارەت قىلىش مۇلازىمەتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىگىچە 14 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

FlightAware سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەنبە كۈنى 3898 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، يەكشەنبە كۈنى 8822، دۈشەنبە كۈنى 1549 ئايروپىلان سەپىرىنىڭ قوشۇمچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنگەن. شەنبە كۈنى يەنە 3004 ئايروپىلان سەپىرىدە كېچىكىش كۆرۈلگەن.

بوراننىڭ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي غەربىدىن شىمالىي شەرقىگىچە سوزۇلغان كەڭ بىر لىنىيەگە تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، مىليونلىغان كىشى ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى مۇلازىمەت ئىدارىسى، ئوكلاھومادىن جەنۇبىي ماينى (Maine) غىچە قاتتىق قار يېغىشى مۆلچەرلىنۋاتقانلىقىنى، جەنۇب ۋە جەنۇبىي شەرق ئىشتاتلىرىدا بولسا مۆلدۈر ۋە قار-يامغۇرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى «رېكورت سەۋىيەدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى» نىڭ ئونلىغان ئىشتاتقا زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى. ترامپ 12 ئىشتات ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 22 ئىشتات ۋە ۋاشىنگتون (Washington DC) دا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.

توك توختاپ قېلىش ۋەقەلىرى

توك توختاپ قېلىش ۋەقەلىرىنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. PowerOutage.com سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەرلىك ۋاقىت سائەت 18:30 غىچە 130 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكالىق ئابۇنت توكسىز قالغان. توك توختاپ قېلىشنىڭ كۆپ قىسمى تېكساس ۋە لۇئىسئانا ئىشتاتلىرىغا مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى مۇلازىمەت ئىدارىسى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي شەرق قىسمىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر قىشلىق بوراننىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ «پالەچ قىلغۇچى ۋە جاي-جايلاردا ۋەيران قىلغۇچى نەتىجىلەرنى» كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مېتېئورولوگىيە ئەمەلدارلىرى دۈشەنبە كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ چوڭ تۈزلەڭلىك رايونىدا رېكورت سەۋىيەدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە خەتەرلىك دەرىجىدىكى سوغۇقنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.