ئاۋستىرالىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ئۆلدى
ئاۋستىرالىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى. ساقچى تەرەپ ھۇجۇمچىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ۋەقە New South Wales نىڭ لاك كارگېللىگو رايونىدا يۈز بەردى. ساقچىلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ھازىرمۇ تەكشۈرمەكتە.
ئاۋستىرالىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى يارىلانغان.
يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاك كارگېللىگو رايونىدا ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش باشلانغان.
تەخمىنەن 1 مىڭ 500 نوپۇسقا ئىگە لاك كارگېللىگو يېزىسىدىكى بىر ئادرېستا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، جىددىي ياردەم ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ئايال ۋە بىر ئەر ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئېغىر يارىلانغان بىر ئەر كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ABC News نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ھۇجۇمچى قېچىپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ رايوندىن يىراق تۇرۇشى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشىنى سورايمىز. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئاستىغا ئېلىندى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلاندى.»