ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىغا يېڭىدىن ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇنەيترا يېزىلىرىغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئامېرىكا قوللاۋاتقان ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئازايتىش مېخانىزىمىغا قارىماي يۈز بەردى.
سۈرىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قسىملىرى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا يېزىلىرىغا يېڭىدىن ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان.
SANA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنۇبتىكى بىر ئەجەم يېزىسىدىن رايونغا باسقۇن قىلىپ، بارىقا كەنتىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. ئارقىدىن ئەلقابباس ئەتراپىدا تەخمىنەن ئون مىنۇتچە توختىغاندىن كېيىن، كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ كەتكەن.
پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۈچ تەرەپ قوشما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇم مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئازايتىش ۋە ماسلىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئامېرىكا نازارەتچىلىكىدىكى بىر ئالاقە مېخانىزمى قۇرۇش ھەققىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قارىماي يۈز بەرگەن.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بولۇپمۇ قۇنەيترا يېزىلىرىدا پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇش، يولدىن ئۆتكەنلەرنى سوراق قىلىش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سۈرىيە زېمىنىغا ھەر كۈنى دېگۈدەك باسقۇن قىلماقتا.
2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە سۈرىيە بىلەن 1974-يىلى تۈزۈلگەن «كۈچلەرنى ئايرىۋېتىش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىپ، غەيرىي ھەربىي رايوننى بېسىۋالدى ۋە سۈرىيەنىڭ گۆلان ئېگىزلىكىدىكى ئىشغالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.