ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ «ياۋرو-ۋىزىيون» (Eurovision) ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى قاتتىق نارازىلىقلارنى قوزغىغاندىن كېيىن، ياۋروپا رادىيو-تېلېۋىزىيە بىرلەشمىسى (EBU) دىن كوللېكتىپ چېكىنىشلەر، 2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنى تەۋرىتىۋەتتى.

By
بىر قانچە دۆلەت ئىسرائىلىيە تالاش-تارتىشى سەۋەبىدىن، 2026-يىللىق ياۋرو-ۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئىرېلاندىيە پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى دەھشەتلىك ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ «ۋىجدانغا سىغمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «ياۋرو-ۋىزىيون» غا قاتنىشىشى مۇسابىقىدە داۋالغۇش پەيدا قىلغاندىن كېيىن، بىر قانچە دۆلەت 2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق، ئىسرائىلىيەنى بۇ يىللىق مۇسابىقىدىن چىقىرىۋېتىش چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.

پەيشەنبە (4-دېكابىر) كۈنىدىكى بۇ باياناتلار، مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىشىغا يول ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

بىراق، ياۋروپا رادىيو-تېلېۋىزىيە بىرلەشمىسى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندىن كېيىن، ئەزالار ئارىسىدا «ئىشەنچنى كۈچەيتىش ۋە بىتەرەپلىكنى قوغداش» ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىسلاھاتلارغا نىسبەتەن «ئېنىق قوللاش» بارلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، ياۋروپا رادىيو-تېلېۋىزىيە بىرلەشمىسىنىڭ باياناتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسابىقىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى قوللىغان ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە، سىلوۋېنىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرى كېلەر يىلى (2026) مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

گوللاندىيە

گوللاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى  (AVROTROS)  نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە كېلەر يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىكەن.

گوللاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى: «بارلىق نۇقتىئىينەزەرلەرنى ئۆلچەپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىدارىمىز  شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىدارىمىز ئۈچۈن تۈپ ئاساس بولغان ئاممىۋى قىممەت قاراشلار بىلەن ماس كەلمەيدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئىرېلاندىيە

ئىرېلاندىيە ۋەكىللىرى ئەگەر ئىسرائىلىيە قاتناشسا، ئۆزلىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرېلاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ر ت ئې (RTE)  نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا رادىيو-تېلېۋىزىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى توغرىسىدا بېلەت تاشلاشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئىرېلاندىيە كېلەر يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ ۋە ئۇنى تارقاتمايدىكەن.

ر ت ئې باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«غەززەدىكى دەھشەتلىك ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىرېلاندىيەنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى يەنىلا ۋىجدانغا سىغمايدىغان ئىش.»

ئىسپانىيە

شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئىسپانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (RTVE) نىڭ باش كاتىپى ئالفونسو مورالېس: «ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارىماي، غەززەنىڭ ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ مۇسابىقىدىن سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشى، ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنى بىتەرەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى» دېدى.

سىلوۋېنىيە

سىلوۋېنىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (RTV Slovenia)  نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىلوۋېنىيەمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىشى توغرىسىدا بېلەت تاشلاش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سىلوۋېنىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ناتالىيا گورسچاك: «بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر ئىسرائىلىيە بولسا، بىز قاتناشمايمىز. غەززەدە ئۆلگەن 20 مىڭ بالىغا ۋاكالىتەن شۇنداق قىلىمىز» دېدى.

بېلگىيەنىڭ فلاماند رايونى تېلېۋىزىيەسى (VRT) 2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھالبۇكى بۇ يىللىق مۇسابىقىگە ماھىر ئەۋەتىدىغان بېلگىيەنىڭ فىرانسۇز رايونى تېلېۋىزىيەسى (RTBF) تېخى ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرمىدى.

ئىسلاندىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (RUV) مۇدىرىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.