ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان دۆلەتلەردىن ئايروپىلان خادىملىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش مەسىلىسىدە چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئايروپىلان ئاددىس-ئاباباغا قايتىپ كەتتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىلاردىن بىرىنىڭ ھىندونېزىيەلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە تتېل ئاۋىۋ (Tel Aviv) گە كېتىۋاتقان بىر ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىغا قايتىش بۇيرۇقى بەرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇيرۇق بېرىلگەن ۋاقىتتا، ئايروپىلان ئاددىس-ئابابادىن قوزغىلىپ تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەن ھەمدە تېخىچە ئېفىيوپىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئىدى.
12-قانال، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ ئۇچقۇچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى مەسىلىسىنى ئاۋىياتسىيە پورتى دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرۇشى بىلەن بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايروپىلان ئاددىس-ئاباباغا قايتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇچقۇچى ئالماشتۇرۇلدى ۋە ئارقىدىن ئايروپىلان قايتىدىن قوزغىلىپ تېل ئاۋىۋگە قوندى.
خەۋەردە، ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر خاتالىق دەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىنىدىغان ئۇچۇشلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
12-قانال يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان مەلۇم دۆلەتلەردىن كەلگەن خادىملارنى مەزكۇر دۆلەتكە قىلىنىدىغان ئۇچۇشلاردا ۋەزىپىگە قويماسلىقى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مەزكۇر چەكلىمىلەر ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، نىگېر، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سومالى ۋە ۋېنېسۇئېلا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېفىيوپىيە ياكى ھىندونېزىيە دائىرىلىرىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
مەزكۇر خەۋەر، 30-سېنتەبىردە دۇبەيدىن تېل ئاۋىۋگە كېتىۋاتقان بىر «Flydubai» ئايروپىلانىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايروپىلان بۇلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەپتىش ئەمەلدارلىرى، ئومانلىق بىر ياردەمچى ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، بېن گۇرىيون ئايرودورۇمىغا چۈشۈرۈپ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى بۇ ئۇرۇنۇشنى توسۇپ قالغان ۋە ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەبۈك شەھىرىگە بىخەتەر ھالدا قونغان ئىدى.


















