ھىند راجاب فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ھەم ئامېرىكا ھەم ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان ئەفى رۇبېنشتېيننىڭ، غەززە مىقياسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن دەرھال سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
رەسمىي قانۇنىي ئەرزنامىدە، رۇبېنشتېيننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 401-بىرىگادىسى قارمىقىدىكى 52-باتاليونغا قاراشلىق «ۋامپىر ئىمپېرىيەسى» قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەۋسىيە
مەزكۇر قىسىم 2024-يىلى 29-يانۋاردا غەززە شەھىرىدە ئالتە ياشلىق ھىند راجابنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىككى سەھىيە خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالماقتا.





















